كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىش
ماتېماتىكا بىلىملىرى
ئارىفمېتىكا ئەمەللىرىدە ھەمىشە چوڭ سانلار بىر نەچچە كۆپەيتكۈچىنىڭ ئارقىمۇئارقا كۆپەيتمىسى شەكلىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئالگېبرالىق ئىپادە ئەمەللىرىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ، مانا بۇ كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىشتۇر. كۆپ ئەزالىقنى بىرنەچچە پۈتۈن ئىپادىنىڭ ئارقىمۇئارقا كۆپەيتمىسى شەكلىگە ئايلاندۇرۇش كۆپ ئەزالىقنى كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىش دېيىلىدۇ. كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىشنىڭ رولى كۆپ، ئەڭ مۇھىمى، قىسقارتىش ۋە ئومۇمىي مەخرەجگە كەلتۈرۈشتە، يەنە تېز ھېسابلاش، يۇقىرى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىش، فۇنكسىيىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدۇ.
كۆپ ئەزالىقنى كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىش بىرەر تەبىئىي ساننى كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىشتىن كۆپ قىيىن. بىرىنچىدىن، سانلار راتسىئونال سانلار دائىرىسىدىلا كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىلىدۇ ھەم كۆپىنچىسى مۇسىبەت پۈتۈن سان بولىدۇ. ئالگېبرالىق ئىپادىلەرنى كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىشتا دائىرىسىنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، دائىرە ئوخشىمىسا، نەتىجىمۇ ئوخشىمايدۇ.4
4
-x4 نى مىسالغا ئالساق، راتسىئونال سانلار دائىرىسىدە x4-4=(x2+2)(x2-2) بولۇپ، ئىككى ئىپادىنىڭ كۆپەيتمىسى بولىدۇ، ھەقىقىي سانلار دائىرىسىدە
ئىككىنچىدىن، ئالگېبرالىق ئىپادىلەرنى كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىشنى رەقەملەرنى كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجراتقاندىكىدەك بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى مۇۋاپىق ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ:
(1) ئومۇمىي كۆپەيتكۈچىنى چىقىرىش، مەسىلەن:
am+bm=m(a+b)
(2) فورمۇلا ئۇسۇلى، مەسىلەن:
2b-2a2= (b+a) (b-a
2b+ba2±2a=(b±a)
(a3±b3=(b±a a2±ab+b2
a3±3a2b±b3=(a±b) 3
(3) گۇرۇپپىلاپ كۆپەيكۈچىلەرگە ئاجرىتىش، مەسىلەن:
ax+ay+bx+by=a(x+y)+b(x+y)=(x+y)(a+b
(4) ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۈچ ئەزالىقنى كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىش
① يىلتىز تېپىش ئۇسۇلى
ax2+bx+c=a)x-x1()x-x2) بۇنىڭ ئىچىدە1 x2 ,x لەر تەڭلىمە0 =ax2+bx+c نىڭ ئىككى يىلتىزىدۇر.
② قايچىلاشتۇرۇپ كۆپەيتىش
(ax2+bx+c=(mx+r)(nx+s، بۇنىڭ ئىچىدە ms+nr=b ھەم rs=c, mn=a
كونكرېت كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىش جەريانىدا، بۇ ئۇسۇللاردىن جانلىق پايدىلانغاندىلا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.