UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىماتېماتىكا كۆۋرۈكى

ماتېماتىكا كۆۋرۈكى

ماتېماتىكا بىلىملىرى ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى زامان ماتېماتىكىسىغا قوشقان تۆھپىسى ھازىرقى كىشىلەرگە ئەڭ تونۇش بولغان1 ،2 ، …،9 ،0 دىن ئىبارەت ئون رەقەم بولۇپ، بۇ ئەرەب رەقىمى دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن، ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، ئەرەبلەر ئاساسەن يۇنانىستان ۋە ھىندىستاننىڭ ماتېماتىكىسىنى قوبۇل قىلدى، ساقلاپ قالدى ۋە ئۇنى ياۋروپاغا تارقىتىپ، »ماتېماتىكا كۆۋرۈكى«نى بەرپا قىلدى. ئارىفمېتىكا جەھەتتە، ئەرەبلەر ھىندىستاننىڭ رەقەم بەلگىسى ۋە كۆڭۈلدە قالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى ۋە ياخشىلىدى. يەنە ھىندىستاننىڭ ئىرراتسىئونال سانلار ئۈستىدىكى ئەمەللىرىنى قوللىنىپ، مەنپىي سانلار ئۈستىدىكى ئەمەللەرنى تاشلىۋەتتى. ئالگېبرا دېگەن بۇ پەننىڭ نامىنى ئەرەبلەر ئىجاد قىلدى. ئەرەبلەر يەنە بەزى بىرىنچى دەرىجىلىك، ئىككىنچى دەرىجىلىك، ھەتتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يەشكەن ھەمدە گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى يېشىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن، تەڭلىمەX2+10x=39 نى گېئومېتىرىيە جەھەتتىن مۇنداق يەشكەن: بىر كۋادرات سىزىپ، ئۇنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقىنى نامەلۇم سان x دەپ پەرەز قىلغان، ئاندىن ئۇنىڭ تۆت تەرىپىدىن سىرتقا قارىتىپ، تەرەپ ئۇزۇنلۇقى x ۋە 5/2 بولغان تىك تۆتبۇلۇڭ سىزغان، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن شەكىلنى تەرەپ ئۇزۇنلۇقى5 +x بولغان كۋادراتقا كېڭەيتكەن،239 - بەتتىكى شەكىلدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چوڭ كۋادراتنىڭ يۈزى تەرەپ ئۇزۇنلۇقى x بولغان كۋادراتنىڭ يۈزى بىلەن تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 5/2 بولغان تۆت كۋادراتنىڭ يۈزى ۋە ھەربىرىنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقى x، بولغان تۆت تىك تۆتبۇلۇڭنىڭ يۈزىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ كۋادراتنىڭ يۈزى X2+4×5/2×X+4×5/2×5/2 يەنى25 +X2+10Xبولىدۇ.X2+10x=39بولغانلىقتىن، چوڭ كۋادراتنىڭ يۈزى25 +39، يەنى64 بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ كۋادراتنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقى8 بولىدۇ، x بولسا3=5/2×2-8بولىدۇ. ئەرەبلەر يەنە كونۇس ئەگرى سىزىقلىرىنىڭ ئۆزئارا كېسىشىشىدىن پايدىلىنىپ ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يەشكەن. بۇ بىر زور ئىلگىرىلەشتۇر. ئەرەبلەر يەنە بىرقەدەر توغرا بولغان چەمبەر تۇراقلىقىنى تېپىپ چىقىپ،283185307195865 .6=π2 كە ئېرىشكەن، يەنى π نىڭ قىممىتىنى17 خانىغىچە ھېسابلاپ چىققان. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار ئۈچبۇلۇڭغا تانگېنس ۋە كوتانگېنسلارنى كىرگۈزۈپ، تەكشىلىكتىكى ئۈچبۇلۇڭنىڭ سىنۇس تېئورېمىسىنى ئىسپاتلاپ چىققان. تەكشىلىكتىكى ترىگونومېتىرىيە ۋە سفېراللىق ترىگونومېتىرىيىنىڭ بىرقەدەر مۇكەممەل نەزەرىيىسىنىمۇ ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان. ئەرەب ماتېماتىكىسىنىڭ «ماتېماتىكىنىڭ كۆۋرۈكى» بولۇشى ئەرەبلەرنىڭ نۇرغۇن ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ۋە تۈزگەنلىكىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلەر ياۋروپاغا تارقالغاندىن كېيىن، ماتېماتىكا يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە كىردى.
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى
ماتېماتىكا كۆۋرۈكى | UyghurWiki | UyghurWiki