UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيە جەدۋىلى

ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيە جەدۋىلى

ماتېماتىكا بىلىملىرى ئەڭ دەسلەپكى ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيە جەدۋىلىنى مىلادىيە2 - ئەسىردە ئاسترونوم پتولىمىي تۈزگەن. قەدىمكى گرېكلەر ئاسمان ھادىسىلىرىنى كۆزىتىش جەريانىدا ئۈچبۇلۇڭنىڭ تەرەپلىرى بىلەن بۇلۇڭلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن مۇناسىۋەت بارلىقىنى بىلىپ يەتكەن. پتولىمىي دەۋرىگە كەلگەندە، كىشىلەر ئاسترونومىيە تەتقىقاتى جەريانىدا، بۇ مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە تۈزۈش زۆرۈرلۈكىنى بايقىدى. پتولىمىي ئالدىنقىلارنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ھەم ئۇلارنى رەتلەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئاسترونومىيە مەجمۇئەسى» كىتابىنى تۈزدى. كىتابتا بىز ھازىر بايقىغان ئەڭ دەسلەپكى ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيە جەدۋىلى بار ئىدى. بىراق، بۇ جەدۋەل بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان جەدۋەلدىن كۆپ پەرق قىلاتتى. پتولىمىي پەقەت «بۇلۇڭنىڭ خوردىسى (drohc)» نىلا تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ خوردا دېگىنى مۇقىم چەمبەر ئىچىدىكى مەركىزىي بۇلۇڭنىڭ قارشىسىدا ياتقان ياينىڭ ئۇزۇنلۇقىنى كۆرسىتەتتى. مەسىلەن، ئالدىنقى بەتتىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك، 2a نىڭ خوردىسى (يەنى 2a نىڭ قارشىسىدا ياتقان ياينىڭ ئۇزۇنلۇقى) AB بولۇپ، ئۇ ھازىر بىز دەيدىغان nis a (AC/OAيەنى، بىز چەمبەر رادىئۇسىنى بىرلىك ئۇزۇنلۇق دەپ ئالىمىز، شۇڭا1 =AO) نىڭ2 ھەسسىسىگە تەڭ: chord2a=sina½ پتولىمىي »ئاسترونومىيە مەجمۇئەسى«دە °(½) ئارىلىق قالدۇرغان °0 تىن °180 قىچە بارلىق بۇلۇڭ خوردىلىرىنىڭ جەدۋىلىنى بەرگەن. شۇڭا، ئۇ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى مەنىدىكى °(¼) ئارىلىق قالدۇرغان °0 تىن°90 قىچە بارلىق سىنۇسلارنىڭ فۇنكسىيە جەدۋىلىدىن ئىبارەت ئىدى. بىز بۈگۈنكى كۈندە تەتقىق قىلىدىغان ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيە جەدۋەللىرى سىنۇس، كوسىنۇس، تانگېنس، كوتانگېنس قاتارلىق تۆت ئاساسىي ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيىنى ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ گېئومېتىرىيىلىك مەنىسى مۇنداق (بۇنىڭدا چەمبەر رادىئۇسى بىرلىك ئۇزۇنلۇق1 دەپ ئېلىنىدۇ): ;BA=AB/OA=αnis : سىنۇس (بۇ يەردىكى / كەسىر سىزىقى بۇلۇپ كەلگەن ) ;BO=OB/OA=αsoc : كوسىنۇس agt=AB/OB : تانگېنس .αgtc =OB/AB : كوتانگېنس ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ھازىر ماتېماتىكىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى − ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيە ئىلمى بولۇپ شەكىللەندى، ئۇ ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ ئاساس بىلىملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى