UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىقەپەس پرىنسىپى

قەپەس پرىنسىپى

ماتېماتىكا بىلىملىرى ناۋادا بىر كىم: «13 كىشىدىن كېمىدە ئىككىسى بىر ئايدا تۇغۇلغان» دېسە، كىشىلەر بۇنىڭدىن گۇمانلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يەكۈن توغرا، ئۇ «قەپەس پرىنسىپى» ئاساسىدا كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان. ئۈچ كەپتەر ئىككى قەپەسكە كىرسە تۆت خىل كىرىش ئۇسۇلى بار (سخېمىغا قاراڭ). بۇ جەدۋەلدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى بايقاش مۇمكىنكى، ئۈچ كەپتەر ئىككى قەپەسكە كىرسە، چوقۇم بىر قەپەستە كېمىدە ئىككى كەپتەر بولىدۇ. بۇ «قەپەس پرىنسىپى» دىكى ئەڭ ئاددىي بىر مىسال. ئومۇمەن، «قەپەس پرىنسىپى» مۇنداق: ئەگەر1 +n كەپتەر n قەپەسكە كىرسە، بىر قەپەستە كېمىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كەپتەر بولىدۇ. ئوبدان ئويلاپ كۆرسەك، بۇ پرىنسىپ توغرا. چۈنكى، مۇبادا ھەربىر قەپەسكە بىرلا كەپتەر كىرىدۇ دېيىلسە، ئۇ ھالدا n قەپەسكە n كەپتەر كىرىپ، ئاشقان بىر كەپتەر n كەپتەر كىرىپ بولغان قەپەسلەرنىڭ بىرەرىگە كىرىشى كېرەك، يەنى بىر قەپەسكە كېمىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كەپتەر كىرىدۇ. «قەپەس پرىنسىپى» ئاددىي بولسىمۇ، بەك مۇھىم پرىنسىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن قىزىقارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بىز13 كىشىنى13 كەپتەر دەپ، بىر يىلدىكى12 ئاينى12 قەپەس دەپ قارىساق، «قەپەس پرىنسىپى» دىن پايدىلىنىپ،13 كىشىدىن كېمىدە ئىككىسى بىر ئايدا تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئوڭايلا بىلەلەيمىز. يەنە بىر مىسال:1988 - يىلى تۇغۇلغان367 كىشىدىن كېمىدە ئىككىسى بىر كۈندە تۇغۇلغان. بۇنىڭ سەۋەبى: بۇ يىلدا366 كۈن بار، «قەپەس پرىنسىپى»دىن پايدىلىنىپ بۇ يەكۈننى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ. يەنە تارتمىدا10 جۈپ پەلەي بولۇپ، ئۇنىڭدىن11 دانىسى ئېلىنسا، ئۇلاردىن كېمىدە ئىككىسى پار كېلىدۇ، بۇنىمۇ «قەپەس پرىنسىپى» دىن كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ. «قەپەس پرىنسىپى» يەنە نۇرغۇن يەرلەردە كارغا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى
قەپەس پرىنسىپى | UyghurWiki | UyghurWiki