UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىتۆت رەڭ قىياسى

تۆت رەڭ قىياسى

ماتېماتىكا بىلىملىرى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خەرىتىنى بىلىدۇ، لېكىن، بىرەر خەرىتىنى كەم دېگەندە قانچە خىل رەڭ بىلەن بويىغاندا، قوشنا دۆلەت ياكى ئوخشاشمىغان رايونلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ھەممە كىشىنىڭ بىلىشى ناتايىن. بۇ خەرىتە بوياش مەسىلىسى ماتېماتىكىدىكى داڭلىق بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نەچچە ئەۋلاد ماتېماتىكلار جاپالىق تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن ھەم بۇ جەرياندا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. خەرىتىدىكى قوشنا دۆلەت ياكى رايونلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئوخشىمىغان رەڭلەر بىلەن بوياش كېرەك. مەسىلەن، بىرەر دۆلەتنىڭ ئۆلكە - رايونلىرىنىڭ چېگرىسىنى ئۈزۈك سىزىقلار بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ. دېمەك، ئىككى خىل رەڭ پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ، ئۈچ خىل رەڭ كېتىدۇC،B،A ئۈچ ئۆلكىنىڭ ھەرقايسىسى بىر خىل رەڭدە بويىلىدۇ، D ئۆلكە بىلەن B ئۆلكە ئوخشاش رەڭدە بويىلىدۇ. سولدىكى خەرىتىدە1 ،2 ،3 ،4 لەر تۆت دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خەرىتىدە تۆت دۆلەتتىن خالىغان ئىككىسى چېگرىداش بولغانلىقتىن، ئۇلارنى تۆت خىل رەڭ بىلەن پەرقلەندۈرمىسە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكلار ھەرقانداق خەرىتىنى بوياشقا تۆت خىل رەڭ يېتىدىكەن دەپ قىياس قىلىشتى. خەرىتە بوياش مەسىلىسى1852 - يىلى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇ چاغدا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فرانسىس ئاتلىق بىر ئوقۇغۇچىسى ئوقۇتقۇچىسى، مەشھۇر ماتېماتىك، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى مورگاندىن بۇ مەسىلىنى سورىغان. مورگان جاۋاب بېرەلمەي، باشقا ماتېماتىكلاردىن ياردەم سورىغان، لېكىن، ئۇلارمۇ ھەل قىلالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلە كېيىنكىلەرگە قالغان.1976 - يىلى9 - ئايدا «ئامېرىكا ماتېماتىكا جەمئىيىتى ئاخباراتى» دا دۇنيا ماتېماتىكا ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان بىر خەۋەر جاكارلاندى. ئامېرىكىنىڭ ئىللىنويىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور ئاببېل ۋە خاگېنلار كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ خەرىتىدىكى تۆت رەڭ قىياسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان! ئۇلار خەرىتىدىكى تۆت رەڭ مەسىلىسىنى2000 ئالاھىدە شەكىلدىكى تۆت رەڭ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇپ، كومپيۇتېردا1200 سائەت ھېسابلاپ، تۆت رەڭ مەسىلىسىنى ئاخىر ئىسپاتلىغان.
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى