لوگىكىلىق ئۇسۇل
ماتېماتىكا بىلىملىرى
ئىككى كىشىلىك بىر خىل ئويۇن بار: ئۈستەلگە بىرمۇنچە سەرەڭگىنى قويۇپ، ئىككى كىشى نۆۋەت بىلەن سەرەڭگىلەرنى ھەر قېتىمدا1 −3 تال ئالىدۇ، كىم بۇ سەرەڭگىلەرنىڭ ئاخىرقى بىر تېلىنى ئالسا، شۇ ئۇتىدۇ. ئۇتۇش ئۈچۈن ئۇتۇش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش كېرەك.
ئەگەر باشتىلا بىر تال سەرەڭگە بولسا، روشەنكى، كىمگە ئاۋۋال نۆۋەت كەلسە، شۇ ئۇتىدۇ. ئىككى تال ياكى ئۈچ تال بولسا، بۇ ھالدىمۇ نەتىجە بىر تال سەرەڭگە بولغانغا ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر تۆت تال سەرەڭگە بولسا، ئاۋۋال ئالغان تەرەپ1 تال،2 تال،3 تاللا ئالالايدۇ،3 تال،2 تال،1 تال ئاشىدۇ، ئۇ ھالدا كېيىن ئالغان تەرەپ ئۇتىدۇ. شۇڭا، بىرەيلەن سەرەڭگىلەرنى ئالغاندىن كېيىن4 تال سەرەڭگە قالسا، شۇ كىشى چوقۇم ئۇتىدۇ.
مۇشۇنداق5 تال،6 تال، … سەرەڭگىلەر بىلەن تەجرىبە قىلىپ شۇنى بايقاش مۇمكىنكى، بىرەر كىشى مەلۇم قېتىمدا سەرەڭگە ئالغاندىن كېيىن، ئايرىم - ئايرىم8 ،12 ،20 … تال ئاشسا، شۇ كىشى چوقۇم ئۇتىدۇ، يەنى ئۇتۇش قانۇنىيىتى مۇنداق بولىدۇ: ھەر قېتىم سەرەڭگە ئالغاندىن كېيىن،4n (,....n=0,1,2)تال سەرەڭگە ئاشسا چوقۇم ئۇتىدۇ.
سەرەڭگە ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى ئۇتۇش ئۇسۇلىدا، ئايرىم، ئاددىي ئەھۋاللار چىقىش قىلىنىپ، تەجرىبە ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىلىدۇ، ئاندىن بىر ئومۇمىي يەكۈن خۇلاسىلىنىدۇ، مۇنداق ئۇسۇل ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى دېيىلىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلەرنى تونۇشىدىكى مۇھىم ئۇسۇلدۇر.
بىراق، ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى بىلەن يىغىنچاقلانغان قانۇنىيەتلەرنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ناتايىن، شۇڭا ئۇنى قەتئىي مەنىدە «تولۇقسىز ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى» دەپ ئېيتىش كېرەك. خەنزۇ خەلقىنىڭ بىر لەتىپىسى مۇشۇنداق ئەھۋالنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ: بۇرۇن بىر پومېشچىك بولغانىكەن، ئۇ ئوغلىنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئەپەندى تەكلىپ قىلىپتۇ. ئەپەندى «一» نى يېزىپ «بۇ بىر دەپ ئوقۇلىدۇ» دەپ ئۆگىتىپتۇ، «二» نى يېزىپ، «ئىككى» دەپ ئۆگىتىپتۇ، «三» نى يېزىپ «ئۈچ» دەپ ئۆگىتىپتۇ. مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، پومېشچىكنىڭ بالىسى خەت يېزىش دېگەن بەك ئاسان ئىشكەن دەپ قاراپ، ئاتىسىغا مەن ھەممىنى بىلىپ بولدۇم، ئەمدى ئەپەندىنى قايتۇرۇۋەت دەپتۇ. بىر كۈنى پومېشچىك «ۋەن (万)» (ئون مىڭ مەنىسىدە) فامىلىلىك بىرەيلەننى مېھمانغا تەكلىپ قىلماقچى بولۇپ، ئوغلىنى باغاق يېزىشقا بۇيرۇپتۇ، ئوغلى ئەتىدىن كەچكىچە يېزىپمۇ باغاقنى يېزىپ بولالماپتۇ. پومېشچىك كىرىپ قارىسا، ئوغلى ھەدەپ بىر - بىرلەپ سىزىۋاتقۇدەك ھەم ئون مىڭنى سىزىپ بولماق نېمىدېگەن تەس دەپ ئاغرىنىۋاتقۇدەك.
بۇ، ئاددىي يىغىنچاقلىغاندا خاتا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى ماتېماتىكىدىكى بىر مۇھىم ئۇسۇل، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە دېدۇكسىيە ئۇسۇلى، ئومۇملاشتۇرۇش (سىنتېزلاش) ئۇسۇلى، سېلىشتۇرۇش (ئاتالوگىيە) ئۇسۇلى، تەھلىل (ئانالىز) ئۇسۇلى قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ لوگىكىلىق ئۇسۇل دېيىلىدۇ.
ماتېماتىكلار ماتېماتىكىلىق جەدۋەل، سىزغۇچ، سىركۇل، كومپيۇتېر قاتارلىق ئەمەلىي قوراللارنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەندىن سىرت، ھەمىشە لوگىكىلىق ئۇسۇل − يۇمشاق قورالدىن تېخىمۇ كەڭ پايدىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ماتېماتىكىدىكى نۇرغۇن قانۇن، فورمۇلىلار، ھەتتا تارماق پەنلەر مۇشۇ يۇمشاق قوراللاردىن پايدىلىنىشتىن بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، گېئومېتىرىيە دېدۇكسىيە ئۇسۇلىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
كىشىلەر ماتېماتىكلاردا سىستېمىلىق بىر يۈرۈش يۇمشاق قورال بولغاچقىلا، ماتېماتىكا ئەڭ سىستېمىلىق، ئەڭ پۇختا پەن تارمىقىغا ئايلانغان، دەپ قارايدۇ.