چەمبەر
ماتېماتىكا بىلىملىرى
ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى چاق، ئىستاكان، بوتۇلكا، تۇرۇبا قاتارلىق نۇرغۇن بۇيۇملارنىڭ تاشقى شەكلى چەمبەرسىمان بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن چەمبەرسىمان بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى چەمبەر كىشىگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلاپلا قالماي، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىمۇ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
چەمبەر سىزماق بەك ئاسان. سىركۇلنىڭ بىر ئۇچىنى تىرەپ، قېرىنداش قىستۇرۇلغان يەنە بىر ئۇچىنى بىر ئايلاندۇرساق چەمبەر پۈتىدۇ. سىركۇلنىڭ بىر پۇتى تىرەلگەن نۇقتىنى چەمبەر مەركىزى، يەنە بىر پۇتى سىزغان ئايلانمىنى چەمبەر ئايلانمىسى دەيمىز. چەمبەر سىزىش جەريانىدىن كۆرۈش مۇمكىنكى، سىركۇلنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقى باشتىن - ئاياغ ئۆزگەرمەيدۇ، يەنى چەمبەر مەركىزىدىن چەمبەر ئايلانمىسىنىڭ خالىغان نۇقتىسىغىچە ئارىلىقلار تەڭ بولىدۇ. بۇ چەمبەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتىدۇر. كىشىلەر چەمبەرنىڭ مۇشۇ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ چاق ياسايدۇ. ئوق چاق مەركىزىنىڭ ئورنىغا ئورنىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقتىن چاقنىڭ گىرۋىكىگىچە ئارىلىقلار تەڭ بولىدۇ، يەنى چاق ئايلانغاندا، ئوقتىن يەر يۈزىگىچە ئارىلىقلار ھامان تەڭ بولىدۇ. يول تەكشى بولسىلا، چاق لاققىغا چۈشمەيدۇ، كىشىلەر ماشىنىدا تىنچ ۋە ئازادە ئولتۇرالايدۇ. ناۋادا چاق چاسا بولسىدى، ئوقتىن يەر يۈزىگىچە ئارىلىق تەڭ بولمىغاچقا، چاق ئايلانغاندا لاققىغا چۈشۈپ، ماشىنىدىكى ئادەمنى بىئارام قىلغان بولاتتى.
چەمبەرنىڭ يەنە بىر خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتىكى ماتېرىيالدىن بىر ئۈچبۇلۇڭ ياكى كۋادرات، ياكى چەمبەر ياسالسا، چەمبەرنىڭ ھەجمى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. كىشىلەر بۇ خۇسۇسىيەتتىن پايدىلىنىپ، چەمبەر شەكىللىك ھەر خىل بۇيۇملارنى ياسايدۇ. مەسىلەن، كىشىلەر بورىدىن سىلىندىر شەكىللىك ئامبار ياسايدۇ، مۇنداق ئامبارغا ئاشلىق كۆپ سىغىدۇ، ماتېرىيالمۇ ئاز كېتىدۇ؛ ئىشچىلار ئىستاكان، بوتۇلكىلارنى سىلىندىر شەكلىدە ياسىشىنىڭمۇ سەۋەبى ئەنە شۇ.
چەمبەرنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئىشلىتىش ئورۇنلىرى بار. شۇڭا، كىشىلەر چەمبەرنى ئاددىي ۋە ئەمەلىي ئەگرى سىزىق دەپ ئاتىشىدۇ.