مېخانىك ھېسابلاش ماشىنىسى ۋە ئانالىز ماشىنىسى
ماتېماتىكا بىلىملىرى
چوت، تاناسىپلىق سىركۇل، لوگارىفمىلىق ھېسابلاش سىزغۇچى قاتارلىقلار ئاپتوماتىك ھالدا ئۈزلۈكسىز ھېسابلىيالمايدۇ، ھېسابلاش نەتىجىسىنىمۇ ساقلىيالمايدۇ، ھېسابلاش سۈرئىتى دېگەندەك تېز ئەمەس، شۇڭا، كىشىلەر ئادەم ئەمگىكىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ھەم تېز ھېسابلايدىغان بىر خىل ھېسابلاش ماشىنىسى ياسىماقچى بولدى.
1642
- يىلى فرانسىيە ماتېماتىكى پاسكال دۇنيادا تۇنجى مېخانىك ھېسابلاش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلدى، بۇ ماشىنا سائەتكە ئوخشاش چىشلىق چاقلارنىڭ ئايلىنىشىدىن پايدىلىنىپ خانا سۈرىدۇ. ھېسابلاش ۋاقتىدا، ھەرقايسى خانىلاردىكى چىشلىق چاقلار كىچىك كىلىت (ئاچقۇچ) بىلەن بىر - بىرلەپ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلسە، ھېسابلاش نەتىجىسى سانلار يېزىلغان كىچىك چاقنىڭ يەنە بىر سانلىق مەلۇمات ئوقۇش تۆشۈكىدىن كۆرۈنىدۇ. ھېسابلاپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر - بىرلەپ0 خانىغا قايتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ھېسابلاش ماشىنىسى بىلەن پەقەت قوشۇش، ئېلىش ئەمەللىرىنىلا بېجىرگىلى بولىدۇ، مەشغۇلات قىلىشمۇ تولا مۇرەككەپ، لېكىن، ئەينى چاغلاردا بۇ قالتىس كەشپىيات بولۇپ، ھېسابلاش قوراللىرى ئىسلاھاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەردى. كىشىلەر شۇنى ئاساس قىلىپ، قولدا ئايلاندۇرۇلىدىغان ھېسابلاش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلدى.
قولدا ئايلاندۇرۇلىدىغان ھېسابلاش ماشىنىسى ۋە كېيىن بارلىققا كەلگەن ماتورلۇق ھېسابلاش ماشىنىلىرىدا تۆت خىل ئەمەل ھېسابلاش خادىملىرىنىڭ مەشغۇلاتى بىلەن ئىشقا ئاشىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھېسابلاش سۈرئىتى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ نۇقساننى يېڭىش ئۈچۈن ئەنگلىيىلىك ماتېماتىك ۋە باشقۇرۇش ئىلمى ئالىمى چارلز باببىج نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ،1833 - يىلى بىر خىل ئانالىز ماشىنىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى. مۇنداق ماشىنا سانلىق مەلۇماتلارنى سانلار ئويۇلغان چاقتىن پايدىلىنىپ ساقلايدۇ، چىشلىق چاقلارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلايدۇ، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر گۇرۇپپا چىشلىق چاق ۋە پىشاڭلاردىن تۈزۈلگەن قۇرۇلما ياردىمىدە ئۇزىتىدۇ، پروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى تۆشۈكلۈك كارتىدىن پايدىلىنىپ كىرگۈزىدۇ، ھېسابلاش نەتىجىسىنى تۆشۈكلۈك كارتا ۋە پرىنتېردىن پايدىلىنىپ چىقىرىدۇ. ئەينى چاغدىكى تېخنىكا شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، باببىج شۇنچە كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرىنى چىقىرالمىدى، پەقەت ماشىنىنىڭ مودېلىنىلا ئىشلىيەلىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى ھازىرقى زامان ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى (كومپيۇتېر)نىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاپ بەردى، بۇ ماشىنىنىڭ مودېلى ئەنگلىيىنىڭ كونسىنتون مۇزېيىدا ھازىرغىچە ساقلانماقتا.1890 - يىلى فۇرالىس باببىجنىڭ لايىھىسى ئاساسىدا بىر ماشىنا ياسىدى، بۇ ماشىنا ئامېرىكىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىدە كارامىتىنى كۆرسەتتى.