ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى
ماتېماتىكا بىلىملىرى
1946 - يىلى ئامېرىكىنىڭ پىنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى (كومپيۇتېر) CAINE دۇنياغا كەلدى. ئۇ170 كۋادرات مېتىر يەرنى ئىگىلەيدىغان،30 توننا ئېغىرلىقتىكى غايەت زور نەرسە بولۇپ،18000 ئېلېكترون لامپىدىن تەركىب تاپقان. سائىتىگە140 كىلوۋات توك سەرپ قىلىدۇ، قوشۇش ئەمىلىنى سېكۇنتىغا5000 قېتىم بېجىرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئادەم تۈزگەن پروگراممىنى ئاپتوماتىك ھېسابلىيالايدۇ.1946
- يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان40 نەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا، كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلەشتى، پروگراممىسى مۇرەككەپلىشىپ، ھەجمى كىچىكلەپ، يېڭىلىنىش دەۋرى قىسقىراپ باردى. ئېلىمىزنىڭ «سامانيولى» تىپلىق زور ھەجىملىك ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى سېكۇنتىغا100 مىليون قېتىمغا يېتىدۇ، چەت ئەللەردىكى ئىلغار ھېسابلاش ماشىنىلىرىنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى ئۇنىڭدىنمۇ تېز، ماشىنىنىڭ ئۆزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، كومپيۇتېر «تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ» تۆتىنچى ئەۋلادقا قەدەم قويدى.
بىرىنچى ئەۋلادنىڭ ئاساسىي دېتالى ئېلېكترون لامپا ئىدى، كىشىلەر بۇ ئەۋلاد كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ سۈنئىي ھەمراھنى ئاسمانغا چىقاردى.
ئىككىنچى ئەۋلادنىڭ ئاساسىي توك يولى كرىستال لامپىلاردىن تۈزۈلگەن، ھېسابلاش تىلى ۋە تەرجىمە سىستېمىسى بارلىققا كەلدى. ھېسابلاش سۈرئىتى سېكۇنتىغا نەچچە مىليون قېتىمغا يەتتى، ھەجمى، ئېغىرلىقى، توك سەرپىياتى، پۈتۈش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.
ئۈچىنچى ئەۋلاد ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر زەنجىرلىك كومپيۇتېردىن ئىبارەت. بۇ چاغدا مەشغۇلات سىستېمىسى بارلىققا كەلدى، مىكرو كومپيۇتېر كەڭ قوللىنىلدى. تېرمىنال ۋە تور بارلىققا كەلدى، ھېسابلاش سۈرئىتى سېكۇنتىغا نەچچە ئون مىليون قېتىمغا يەتتى.
تۆتىنچى ئەۋلاد چوڭ تىپلىق توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر زەنجىرلىك كومپيۇتېر بولۇپ. ھەجمى ۋە تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. بۇ چاغدا مىكرو كومپيۇتېرلار ياسىلىپ، سانائەت، پەن تەتقىقات ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدا كەڭ ئىشلىتىلدى.
بەشىنچى ئەۋلاد ئەمەلىيەتتە تەقلىدىي مېڭە تەپەككۇر جەريانى ئىقتىدارىغا ئىگە ئەقلىي كومپيۇتېردىن ئىبارەت، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر1979 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇشۇنداق كومپيۇتېرنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشتى. ھازىر دەسلەپكى نەتىجىلەر قولغا كەلدى.
كومپيۇتېر بىر ھېسابلاش قورالى بولۇش سۈپىتىدە باشقا ھېسابلاش قۇراللىرىغا قارىغاندا مۇنداق ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە: (1) ھېسابلاش سۈرئىتى تېز. ھېسابلاش سۈرئىتى يۇقىرى كومپيۇتېرلار سېكۇنتىغا مىليارد قېتىملاپ ھېسابلىيالايدۇ. ھېسابلاش سۈرئىتى تۆۋەنرەك مىكرو كومپيۇتېرلارنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىمۇ سېكۇنتىغا100 مىڭ قېتىمغا يېتىدۇ؛ (2) ھېسابلاش توغرىلىقى يۇقىرى، ھازىرقى كومپيۇتېرلار64 خانىلىق سانلارغىچە ھېسابلىيالايدۇ؛ (3) «ئەستە ساقلاش» ۋە لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، كومپيۇتېر پروگرامما، دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئارىلىقتىكى نەتىجىلەرنى خاتىرىلىيەلەيدۇ، يەنە لوگىكىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرالايدۇ ۋە تېئورېمىلارنى ئىسپاتلىيالايدۇ؛ (4) ئاپتوماتىك كونترول قىلالايدۇ، ئادەم ئارىلىشىشى ھاجەتسىز.
كومپيۇتېر ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە تېز سىڭىپ كىردى. ئۇ ئالەم كېمىسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى كونترول قىلىش، ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقاتى ۋە سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق ئۆتكۈر پەنلەر ساھەسىدىن سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، كارخانا باشقۇرۇش، كۈندىلىك تۇرمۇشقىچە ھەر خىل دەرىجىدە ئىشلىتىلمەكتە. بىرەيلەن ھازىرقى جەمئىيەتتە ھەرقانداق بىر پائالىيەتتە كومپيۇتېرنىڭ ئىزى بار دەپ كېسىپ ئېيتتى.