UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىموبيۇس ھالقىسى

موبيۇس ھالقىسى

ماتېماتىكا بىلىملىرى مەلۇم بىر يەردە ئۈچ تۇرالغۇ رايونى، ئۈچ زاۋۇت بار ئىكەن. بىرەيلەن ھەربىر تۇرالغۇ رايونىدىن ئۈچ زاۋۇتقا بىردىن، جەمئىي توققۇز تاشيول ياسىماقچى بولغان. لېكىن، بۇ يوللار بىر - بىرى بىلەن كېسىشمەسلىكى كېرەك ئىكەن. نەتىجىدە، مۇنداق تاشيوللارنى تەكشىلىكتە ياسىغىلى بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولۇپتۇ. ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ، قەغەزگە كېسىشمەيدىغان سەككىز تاشيولنى سىزغىلى بولىدۇ، توققۇزىنچىسى مۇشۇ سەككىز تاشيولنىڭ بىرەرى بىلەن كېسىشمەي قالمايدۇ. لېكىن، بىر ئەپچىل قەغەز ھالقا مۆجىزە ياراتتى. بۇ18 - ئەسىردە گېئومېتىرىيە ئالىمى موبيۇس كەشىپ قىلغان بىر خىل قەغەز ھالقا، يەنى «موبيۇس قەغەز ھالقىسى» (موبيۇس لېنتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ − ت) دۇر. ئۇزۇن قەغەز لېنتىنىڭ بىر ئۇچىنى يەنە بىر ئۇچىنىڭ تەتۈر تەرىپىگە چاپلىسىڭىز، بىر قەغەز ھالقا پۈتىدۇ، قەغەزنىڭ ئوڭ - تەتۈر ئىككى تەرىپى بولىدۇ، لېكىن، بۇ ھالقىنىڭ ئوڭ - تەتۈر تەرىپى بولمايدۇ. بىر چۈمۈلە قەغەزنىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتمەكچى بولسا، قەغەزنىڭ گىرۋىكىدىن ئۆتمىسە بولمايدۇ. لېكىن، موبيۇس ھالقىسىدا چۈمۈلە گىرۋەكتىن ھالقىپ ئۆتمەيمۇ، لېنتىنىڭ بىر يۈزىدىن يەنە بىر يۈزىگە بەھۇزۇر ئۆتەلەيدۇ. ئەگەر موبيۇس ھالقىسىنى ئوتتۇرا سىزىقىدىن قىيسىڭىز، ئىككى پارچە بولماي، ئۇزۇنراق بىر ھالقىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئۇزۇن ھالقىنىڭ ئوتتۇرا سىزىقىدىن يەنە قىيسىڭىز، بىر - بىرىگە زەنجىرلەنگەن ئىككى ھالقا كېلىپ چىقىدۇ. موبيۇس ھالقىسىغا ئوخشاش مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەگرى يۈزدە ئۆزئارا كېسىشمەيدىغان توققۇز تاشيول قۇرۇش تامامەن مۇمكىن. بۇنى تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلىيالايمىز. ئۇزۇن قەغەز لېنتا ئېلىپ، قەغەزنىڭ ئوڭ - تەتۈر يۈزىگە سخېمىدا كۆرسىتىلگەندەك سىزىڭ (سخېمىدىكى A، B، C،1 ،2 ،3 لەر ئايرىم - ئايرىم ئۈچ تۇرالغۇ رايونى ۋە ئۈچ زاۋۇتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ). ئاندىن بۇ قەغەزنى موبيۇس ھالقىسىغا ئايلاندۇرسىڭىز، توققۇز تاشيول ھەرگىز كېسىشمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى