سېھرىي چاسا
ماتېماتىكا بىلىملىرى
سېھرىي چاسا تىك ۋە توغرىسىغا تىزىلغان بىر گۇرۇپپا رەقەم بولۇپ، ئۇنىڭدا تىك يول، توغرا يول ۋە دىئاگونالدىكى رەقەملەر يىغىندىسى تەڭ بولىدۇ. «سېھرىي چاسا» ئەڭ بۇرۇن جۇڭگونىڭ ئەمىنىيە دەۋرىدىكى «پالنامە» دە خاتىرىلەنگەن. چەت ئەلدە بولسا، مىلادىيە130 - يىلى گرېتسىيىلىك سېۋىن بىر كىتابىدا سېھرىي چاسىنى تىلغا ئالغان، بۇ جۇڭگودىن600 نەچچە يىلدىن كېيىنكى ئىش. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئوتتۇرا ئەسىردە كىشىلەر سېھرىي چاسىنى سىرلىق نەرسە دەپ قاراپ، ئۇنى «سىرلىق سان» دەپ تونۇپ، ئۇنى ياندا ئېلىپ يۈرسە، بالا - قازادىن ساقلايدۇ دەپ بىلگەن.
ھازىرقى نۇقتىئىنەزەر بىلەن چۈشەندۈرگەندە، سېھرىي چاسا ماتېماتىكىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى − گۇرۇپپىلاش ئىلمى تەتقىق قىلىدىغان بىر مەسىلە. ئۇنى ماتېماتىكا تىلى بىلەن ئىپادىلىسەك: سېھرىي چاسا1 ،2 ،3 ، ……،2 n لەرنى n يول، n ئىستون قىلىپ تىزىشتىن ھاسىل بولغان كۋادرات ماترىسسا بولۇپ، ھەربىر يول، ھەربىر ئىستون ۋە ئىككى دىئاگونالدىكى سانلارنىڭ يىغىندىسى ئوخشاش بىر سان s قا تەڭ، ئۇ «n ىنچى تەرتىپلىك سېھرىي چاسا»، s بولسا «سېھرىي يىغىندى» دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقىرىقى رەسىمدىكى توققۇز كاتەكچە سېھرىي يىغىندىسى15 بولغان ئۈچىنچى تەرتىپلىك سېھرىي چاسىدۇر.
ئەڭ دەسلەپكى تۆتىنچى تەرتىپلىك سېھرىي چاسا ھىندىستاننىڭ كاجراخو دېگەن يېرىدىن تېپىلغان11 - ئەسىرگە تەئەللۇق بىر ئابىدىدە بايقالغان.
ھازىر دۇنيادا ئەڭ چوڭ سېھرىي چاسا105 ىنچى تەرتىپلىك بولۇپ، بۇنى ئامېرىكىلىق13 ياشلىق بىر بالا تاماملىغان. سېھرىي چاسا بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇ پروگرامما لايىھىلەش، گرافا نەزەرىيىسى، سۈنئىي ئەقىل، تاكتىكا (پىلان) نەزەرىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. سېھرىي چاسا يەنە يەر شارى ئەلچىلىرى تاشقى پلانېتا كىشىلىرى بىلەن سالاملىشىشتىمۇ پايدىلىنىلىدۇ.1977 - يىلى ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن تاشقى پلانېتا كىشىلىرىنى ئىزدەش ئالەم كېمىلىرى بولغان ساياھەتچى Ⅰ ۋە ساياھەتچى Ⅱ لەردە سېھرىي چاسىنىڭ سۈرىتى بار.