«ئالتۇن سان» ۋە خىللاش ئۇسۇلى
ماتېماتىكا بىلىملىرى
2000يىلدىن كۆپرەك بۇرۇن، يۇنانىستان ماتېماتىكى ئېۋدوكس: ئەگەر بىر كېسىك (BA) نى ئۇزۇن - قىسقا ئىككى بۆلەك (PA، BP) كە بۆلگەندە، ناۋادا قىسقا كېسىكنىڭ ئۇزۇن كېسىككە نىسبىتى چوڭ كېسىكنىڭ پۈتۈن كېسىككە نىسبىتىگە تەڭ بولسا، ئۇ ھالدا بۇ نىسبەت قىممىتى …0.618 گە تەڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ سان تەبىئەت دۇنياسى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدۇ: كىندىك ئادەم بويىنىڭ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى، تىز كىندىكتىن تاپانغىچە ئارىلىقنىڭ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى. نۇرغۇن ئىشىك - دېرىزىلەرنىڭ كەڭلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا نىسبىتى618 .0 بولىدۇ، بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىدىكى قوشنا ئىككى يوپۇرماق سېپى ئارىسىدىكى بۇلۇڭ ′28°137 بولۇپ، بۇ دەل چەمبەر ئايلانمىسىنى618 .0∶1 نىسبەتتە بۆلىدىغان ئىككى رادىئۇس ئارىسىدىكى بۇلۇڭدۇر. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۆسۈملۈكلەر ئارا شامال ئۆتۈشۈش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بۇلۇڭ ئىكەن.
بىناكارلار618 .0 رەقىمىگە تولا قىزىقىدۇ. مەيلى قەدىمكى مىسىر ئېھراملىرى بولسۇن پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى بولسۇن ياكى يېقىنقى زاماندىكى پارىژدىكى ئېفىل تۆمۈر مۇنارى بولسۇن، ھەممىسى …618.0 گە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەر بەزى داڭلىق رەسىم، ھەيكەل، فوتو ئەسەرلەرنىڭ باش تېمىسى كۆپىنچە رەسىم يۈزىدىكى …0.618 ئورۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بايقىدى. سەنئەتكارلار تارلىق چالغۇلارنىڭ خەرىكى تارنىڭ618 .0 ئورنىدا بولسا، سازنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ لەرزان ۋە يېقىملىق چىقىدۇ، دەپ قارايدۇ.618
.0 گە ماتېماتىكلار تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن قىيىن ماتېماتىكا مەسىلىلىرى (مەسىلەن، چەمبەر ئايلانمىسىنى10 غا تەڭ بۆلۈش،5 كە تەڭ بۆلۈش؛ °18 لۇق،°36 لۇق بۇلۇڭلارنىڭ سىنۇس، كوسىنۇس قىممەتلىرىنى تېپىش قاتارلىقلار) ھەل بولۇپلا قالماي، يەنە ئەلالىرىنى خىللاشمۇ ئىمكانىيەتكە ئايلاندى. خىللاش مەسىلىنى ئوپتىموملاشتۇرۇش (سەرخىللاشتۇرۇش) نىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. مەسىلەن، پولات تاۋلىغاندا مەلۇم خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار قوشۇلۇپ، پولاتنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئاشۇرۇلىدۇ، ئەگەر ھەر توننا پولاتقا مەلۇم خىمىيىۋى ئېلېمېنتتىن1000 −2000 گرام ئارىلىقىدا قوشۇش كېرەكلىكى مەلۇم بولسا، ئەڭ مۇۋاپىق مىقدارنى تېپىش ئۈچۈن،1000 گرام بىلەن2000 گرام ئارىلىقىدا تەجرىبە ئىشلىنىدۇ. ئادەتتە بۇ ئارىلىقنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى (مەسىلەن،1500 گرام) ئېلىنىپ تەجرىبە قىلىنىدۇ، ئاندىن تەجرىبە نەتىجىسى ئايرىم - ئايرىم1000 گرام ۋە2000 گرام ئۈستىدە قىلىنغان تەجرىبە نەتىجىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن پولاتنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى بىرقەدەر يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئىككى نۇقتا يېڭى ئارىلىق قىلىپ تاللىنىدۇ، كېيىن، مۇشۇ يېڭى ئارىلىقنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى تەجرىبە قىلىنىپ، يەنە ئىككى نۇقتا بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ، تاكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشكىچە مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. مۇنداق تەجرىبە ئۇسۇلى جۈپ بۆلۈش ئۇسۇلى دېيىلىدۇ. بىراق، بۇ تەجرىبىنى تېز تاماملاش ئۇسۇلى ئەمەس، ئەگەر تەجرىبە نۇقتىسى ئارىلىقنىڭ618 .0 ئورنىدىن ئېلىنسا، تەجرىبە قېتىم سانى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ، ئارىلىقنىڭ618 .0 ئورنى تەجرىبە نۇقتىسى قىلىنىدىغان مۇنداق ئۇسۇل بىر ئۆلچەملىك خىللاش ئۇسۇلى بولۇپ،618 .0 ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، بىر ئامىللىق مەسىلىلەردە «0.618 ئۇسۇلى» بىلەن16 قېتىم تەجرىبە قىلىپ، «جۈپ بۆلۈش ئۇسۇلى» بىلەن2500 قېتىم تەجرىبە قىلىپ يەتكەن ئۈنۈمنى تاماملىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈيۈك رەسسام لېئورنادو داۋىنچى618 .0 نى ئالتۇن سان دەپ ئاتىغانىدى