ئاستروئىدا (يۇلتۇزسىمان سىزىق) ۋە پۈكلەنمە ئىشىك
ماتېماتىكا بىلىملىرى
ئادەتتىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى بىر قاناتلىق، مەكتەپ دەرۋازىسى ئىككى تەرەپكە ئېچىلىدىغان ئىككى قاناتلىق بولىدۇ. ئاپتوبۇس ئىشىكلىرى بولسا ئىككى تەرەپكە ئېچىلمايدۇ، بەلكى ئىككىلا ئىشىكى يېرىم قاناتتىن بولۇپ، ئۇلار شارنىر ئارقىلىق تۇتىشىدۇ، ئېچىلىپ - يېپىلغاندا، ئوققا يېقىن يېرىم قانات ئىشىك ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، يەنە بىر يېرىم قاناتنىڭ سىرتقى ئۇچى ئىككى ئىشىكنىڭ ئوقلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان سىيرىلما ئوقۇرنى بويلاپ سىيرىلىدۇ، ئىشىك ئېچىلغاندا، بىر قانات پۈكلىنىپ يېرىم قاناتقا، يېپىلغاندا يەنە يېپىلىپ پۈتۈن قاناتقا ئايلىنىدۇ. ئاپتوبۇسنىڭ بۇ ئالاھىدە ئىشىكى ئاستروئىدا بويىچە لايىھىلەنگەن.
قەغەزگە ئۇزۇنلۇقلىرى R بولغان بىرنەچچە كېسىك سىزىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئايرىم - ئايرىم x ئوق ۋە y ئوقتا ياتقۇزىمىز، ئاندىن ھەربىر چارەككە بىر بۆلەك سىلىق يايسىمان ئەگرى سىزىق سىزىپ، ئۇلارنى ھېلىقى كېسىكلەر بىلەن كېسىشتۈرسەك، بىر ئاستروئىدا سىزىقى پۈتىدۇ. شەكىل سىزىش جەريانىدىن كۆرۈش مۇمكىنكى، ئاستروئىدا بىر گۇرۇپپا تۈز سىزىقنىڭ ئورىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.
ئاپتوبۇسنىڭ بىر قانات پۈكلەنمە ئىشىكىنى تەكشىلىكتىكى شەكل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە O ئىشىك ئوقى، ON سىيرىلما ئوقۇر. ئىشىك ئېچىلىپ - يېپىلىش جەريانىدا، مۇقىم ئۇزۇنلۇقتىكى BC نىڭ ئىككى ئۇچى ئايرىم - ئايرىم x ئوق ۋە y ئوقنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئاستروئىدا ھاسىل بولىدۇ. لېكىن، ئىشىك بىرىنچى چارەكتىلا ھەرىكەتلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىر قانات ئىشىكنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتلىنىش جەريانى ئالدىنقى بەتتىكى سخېمىدا كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ. ئۇ ياي بىلەن ئاستروئىدا يايى دىن تەركىب تاپىدۇ. دېمەك، بۇ ئىشىكنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى سېگمېنت OMN نىڭ يۈزى، ئۈچبۇلۇڭ ONQ نىڭ يۈزى ۋە ئاستروئىدا يايىنى تەرەپ قىلغان ئەگرى تەرەپلىك ئۈچبۇلۇڭنىڭ يۈزىنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭ ئومۇمىي يۈزى5/16πa2 ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. كەڭلىكى 2a بولغان بىر قاناتلىق ئادەتتىكى ئىشىك ئېچىلىپ - يېپىلغاندا، 2a نى رادىئۇس قىلغان چەمبەر يايىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ يۈزى2 aπ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر قاناتلىق پۈكلەنمە ئىشىك ئادەتتىكى ئىشىك ئىگىلىگەن يەرنىڭ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن بوشلۇقنى تېجەپ ئاپتوبۇسقا تېخىمۇ كۆپ يولۇچى سىغدۇرغىلى بولىدۇ.