ھەرقانداق ئۈچبۇلۇڭ تەڭ يانلىق بولىدۇ
ماتېماتىكا بىلىملىرى
CBA خالىغان ئۈچبۇلۇڭ، C∠ نىڭ بىسسېكترىساسى بىلەن BA نىڭ تىڭ تەڭ بۆلگۈچىسى E نۇقتىدا كېسىشىدۇ، E دىنCA غا FE تىك،CB غا GE تىك چۈشۈرۈلگەن ھەم E بىلەن A ۋە E بىلەن B لار تۇتاشتۇرۇلغان دەپ پەرەز قىلايلى.
بۇ چاغدا، تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭ EFC بىلەن EGC تەڭ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككى تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭEC نى ئورتاق يانتۇ تەرەپ قىلىدۇ ھەم ECG∠=ECF∠ (بۇلۇڭ بىسسېكترىساسىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسەن)، شۇڭا GC=FC.
شۇنىڭدەك، تىك بۇلۇڭلۇڭ ئۈچبۇلۇڭ AFE بىلەن BGE تەڭ، چۈنكى، بىر ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىك تەرىپى EF يەنە بىر ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىك تەرىپىGE غا تەڭ (C∠ نىڭ بىسسېكترىساسى مۇشۇ بۇلۇڭنىڭ ئىككى تەرىپىدىن تەڭ يىراقلىقتا ياتىدۇ) ھەم بىر ئۈچبۇلۇڭنىڭ يانتۇ تەرىپى AE يەنە بىر ئۈچبۇلۇڭنىڭ يانتۇ تەرىپى BE غا تەڭ (BA كېسىكنىڭ تىك تەڭ بۆلگۈچىسى ئۈستىدىكى خالىغان بىر E نۇقتا شۇ كېسىكنىڭ ئىككى ئۇچىدىن تەڭ يىراقلىقتا ياتىدۇ)، شۇڭا، BG=AF.
يۇقىرىدىكى ئىككى شەرتكە ئاساسەن:
BG+GC=AF+FC
(تەڭ مىقدارلار تەڭ مىقدارلارغا قوشۇلغان)
BC=AC ∴
يەنى بۇ ئىككى ئۈچبۇلۇڭ تەڭ يانلىق.
بۇ يەكۈننىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئېنىق، چۈنكى، تەرەپلىرى3 ،4 ،5 بولغان بىر ئۈچبۇلۇڭنى ئاسانلا سىزغىلى بولىدۇ، لېكىن، ئۇ ھەرگىز تەڭ پانلىق ئۈچبۇلۇڭ بولمايدۇ، بۇ يەكۈندە بولسا مۇشۇنداق ئۈچبۇلۇڭمۇ تەڭ يانلىق دېيىلگەن. ئەمىسە، خاتالىق نەدە؟ مەسىلە شۇ يەردىكى، E نۇقتىنىڭ ئورنى ئادەتتە ھامان CBA△ نىڭ ئىچىدە ئەمەس، سىرتىدا بولىدۇ. دېمەك، شەكىلنى توغرا سىزىشمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.