UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىدىئوفانتنىڭ قەبرە تەزكىرىسى

دىئوفانتنىڭ قەبرە تەزكىرىسى

ماتېماتىكا بىلىملىرى بۇ قەبرىدە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئۇلۇغ بىر كىشى − دىئوفانت! ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئالتىدىن بىرى بالىلىق دەۋرى؛ يەنە ئۆتۈپ ھاياتىنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى، ساقال باستى يۈز -كۆزىنى؛ يەنە ئۆتۈپ يەتتىدىن بىرى، ئۆتكۈزدى تەنتەنىلىك مۇراسىم؛ توي قىلىپ بەش يىل ئۆتۈپ، ئېرىشتى بىر شاھزادىگە، ئەپسۇس، ياشاپ ئاتىسىنىڭ يېرىم يېشىنى، سەپەر قىلدى ئۇ ئالەمگە. شۇندىن كېيىن، ئاتا دىئوفانت تۆت يىل ياشاپ ھەسرەت ئىچىدە، ئۇمۇ كەتتى جەھەننەمگە. بۇ شېئىر ماتېماتىكا پېشۋاسى دەپ ئاتالغان يۇنانىستان ماتېماتىكى دىئوفانتنىڭ قەبرە تېشىغا ئويۇلغان. دىئوفانت كۆپ نامەلۇملۇق بىرىنچى دەرىجىلىك، ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە ۋە كۆپ نامەلۇملۇق ئېنىقسىز تەڭلىمىلەرنى ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تەڭلىمىلەرنى تەتقىق قىلغان، بۇ قەبرە تەزكىرىسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر تەڭلىمە بولۇپ، ھەم ئۇنىڭ ھاياتىنى ئىپادىلەيدۇ، ھەم بۇ ماتېماتىكنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماتېماتىكنىڭ ئۆمرىنى x ياش دەپ پەرەز قىلساقx=1/6x+1/12x+1/7x+5+1/2x+4 بولىدۇ، بۇنىڭدىن84 =x چىقىدۇ. دېمەك، دىئوفانت33 يېشىدا ئۆيلەنگەن،38 يېشىدا بالىلىق بولغان، ئوغلى42 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، دىئوفانت80 ياشقا كىرگەن يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن، دىئوفانت ئۆزى84 يىل ياشىغان. كېيىنكىلەر دىئوفانتنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، قوشۇش، كۆپەيتىش ياكى كۋادراتقا كۆتۈرۈشنىلا ئىچىگە ئالغان، كوئېففىتسېنتى پۈتۈن سان بولغان ئېنىقسىز تەڭلىمىلەرنى دىئوفانت تەڭلىمىسى دەپ ئاتىغان. مەسىلەن،14 =3x+5y ياكى x2+y2=z2گە ئوخشاش.
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى
دىئوفانتنىڭ قەبرە تەزكىرىسى | UyghurWiki | UyghurWiki