توخۇ - توشقان مەسىلىسى
ماتېماتىكا بىلىملىرى
بىر قەپەستە توخۇ ۋە توشقان بار. ئۇلارنىڭ بېشى35 ، پۇتى94 بولسا، توخۇ قانچە، توشقان قانچە؟
جۇڭگودا بىر قەپەستىكى توخۇ - توشقان مەسىلىسى ھەم قىزىقارلىق، ھەم مۇھىم مەسىلىلەرگە ۋەكىل قىلىنىدۇ ۋە ھەر خىل ماتېماتىكا كىتابلىرىغا ئېلىنىدۇ، ئۇنى1000 يىللاردىن بېرى ماتېماتىكا ھەۋەسكارلىرى ئىزچىل تەتقىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇ مەسىلە دەسلەپ مىلادىيىنىڭ4 -،5 - ئەسىرلىرىدىكى «سۇنزى ھېساب دەستۇرى» دا خاتىرىلەنگەن. بۇ ئۇستىلىق بىلەن يېشىش ئۇسۇلى قانداق كېلىپ چىققان؟ توخۇنىڭ ئىككى پۇتى، توشقاننىڭ تۆت پۇتى بار. پۇت سانىنى ئىككىگە بۆلسەك، جەمئىي47 جۈپ پۇت بولىدۇ، توخۇنىڭ بىر جۈپ، توشقاننىڭ ئىككى جۈپ پۇتى بولغاچقا،47 دىن35 نى ئېلىۋەتسەك،12 چىقىدۇ. بۇ
(قالدۇق)12 …1=35÷47
گە توغرا كېلىدۇ، دېمەك، ئەگەر قەپەستىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پۇتى بىر چۈپتىنلا بولسا،12 جۈپ پۇت ئارتۇق چىقىدۇ، بۇ12 جۈپ پۇتنى ئىككى جۈپتىن پۇتى بار ھايۋانغا ئايرىم - ئايرىم قوشۇپ بەرسەك، تۆتتىن پۇتى بار12 ھايۋان كېلىپ چىقىدۇ، مانا بۇ توشقاننىڭ سانىدۇر.35 باشتىن12 توشقاننىڭ بېشىنى ئېلىۋەتسەك، قالغىنى توخۇنىڭ باش سانى بولىدۇ، شۇڭا توخۇ23 بولىدۇ.