UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىنۆل

نۆل

ماتېماتىكا بىلىملىرى 0ئادەتتە ھېچنېمە يوقلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتتە0 نىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىلىرى ناھايىتى مول.0 يوقلۇقنى ئىپادىلەپلا قالماي، بارلىقنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگەندە ℃0 نى ئىشلىتىدۇ، بۇ ھەرگىز تېمپېراتۇرىنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇ فارېنگېيت تېرمومېتىرىدىكى32 گرادۇسقا توغرا كېلىدۇ، بۇ مۇزلاش نۇقتىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدۇر.0 يەنە باشلىنىش نۇقتىسىنى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىش كوماندىسى مۇنداق بولىدۇ: «9،8 ،7 ،6 ،5 ،4 ،3 ،2 ،1 ،0 − ئېتىڭلار!«» .0 سان ئوقىدا باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ.0 يەنە ئېنىقلىق دەرىجىسىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، تەقرىبىي ھېسابلاشتا5 .7 بىلەن50 .7 نىڭ ئىپادىلەيدىغان ئېنىقلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ھەقىقىي سانلار ئىچىدە،0 يەنە مۇسبەت سانلار بىلەن مەنپىي سانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر نېيترال ساندۇر، ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئەمەللەر خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە: .a=a+0=0+a .a-=a-0 ,a=0-a .(0≠a =a÷0 ,0×a=a×0)a ×0 نى بۆلگۈچى قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئەكس سانىمۇ بولمايدۇ؛0 نىڭ مۇتلەق قىممىتىمۇ، قارىمۇقارشى سانىمۇ0 بولىدۇ؛ خالىغانچە كۆپ0 لەرنىڭ يىغىندىسىمۇ، كۆپەيتمىسىمۇ0 بولىدۇ. كۆرسەتكۈچ ۋە فاكتورىئال ئەمەللىرىدە، يەنە1 =0 a (بۇنىڭدا0 ≠a (،1 =!0 بولىدۇ. كومپلېكس سانلار ئىچىدە،0 ئارگۇمېنتى ئېنىقلانمىغان بىردىنبىر كومپلېكس ساندۇر.0 نىڭ لوگارىفمىسى يوق. ھازىرقى ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىدا قوللىنىلىۋاتقان ئىككىلىك سىستېمىدىكى0 يەنىلا ئاساسلىق بىر سان ھېسابلىنىدۇ.0 ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ سان خاتىرىلەش ئۇسۇلى پارچە - پۇرات بولۇپ، مۇكەممەل ئەمەس ئىدى، بىرەر چوڭ ساننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بەزى بەلگىلەرنى نۇرغۇن قېتىم تەكرار يېزىشقا توغرا كېلەتتى. مەسىلەن، بىر مىليون، ئوتتۇز مىڭ، تۆت يۈز ۋە بەشنىڭ يىغىندىسىنى تۆۋەندىكى شەكىلدىكىدەك يازاتتى، قارىماققا بۇ بىر پارچە رەسىمگىلا ئوخشايدۇ. ھىندى - ئەرەب رەقەملىرى قوللىنىلغان، ئەمما0 دىن ئىبارەت بۇ بەلگە ئىشلىتىلمىگەن ۋاقىتلاردا، ئالدىنقىلار يۇقىرىدىكى بۇ بىرنەچچە ساننىڭ يىغىندىسىنى5 4 3 1 قىلىپ ئىپادىلىگەن، مۇنداق ئىپادىلىگەندە بىر مىليون ئوتتۇز مىڭ تۆت يۈز بەش (1030405)، ياكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز قىرىق بەش (1345) ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن كاتەكچە ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، يەنى . بۇنىڭدا بوش ئورۇنلار بوش خانىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما، بۇ ئۇسۇلمۇ ھېسابلاشلارغا ناھايىتى زور ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلەتتى.0 ئىشلىتىلگەندىن كېيىن ئاددىي ھالدا1030405 قىلىپ يازغىلى بولىدىغان بولدى. شۇڭا0 ئىشلىتىلىشتىن ئىلگىرىكى سان خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى مۇكەممەل ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ.0 ماتېماتىكىدىكى ئەڭ كېرەكلىك بەلگىلەرنىڭ بىرى، لېكىن ئۇنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئاسانغا توختىمىغان. قەدىمكى مىسىرلىقلار ھەيۋەتلىك ئېھرامنى ياسىغىنى بىلەن،0 نى ئىشلىتىشنى بىلمەيتتى؛ بابىلۇنلۇقلارمۇ شىنا يېزىقىنى ئىجاد قىلغىنى بىلەن،0 نى ئىشلىتىشنى بىلمەيتتى؛ جۇڭگولۇقلار قەدىمكى دەۋردە ھېسابلاش چوكىسى ئارقىلىق ھېسابلاش ئېلىپ بارغاندا، خانا بەلگىلەشتە خاتالىق كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، □ نى بوش خانىغا ۋەكىل قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان، يېزىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، □ تەدرىجىي ھالدا ○ گە ئۆزگەرتىلگەن. مىلادىيە2 - ئەسىردە گرېكلەر ئاسترونومىيە ئىلمىدا ○ ئارقىلىق بوش ئورۇننى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئومۇملاشمىغانىدى. بىرقەدەر ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغىنى − ھىندىلارنىڭ مىلادىيە6 - ئەسىردە ئەڭ بۇرۇن قارا چېكىت (·) ئارقىلىق نۆلنى ئىپادىلىشى بولدى، ئۇ كېيىن تەدرىجىي0 گە ئۆزگەرگەن.
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى
نۆل | UyghurWiki | UyghurWiki