UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىتەڭ (=)، كىچىك (<)، چوڭ (>)

تەڭ (=)، كىچىك (<)، چوڭ (>)

ماتېماتىكا بىلىملىرى ماتېماتىكىدا سانلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ سېلىشتۇرۇلىدۇ. «=» (تەڭ)، «<» (كىچىك)، «>» (چوڭ) لار ماتېماتىكىدا چوڭ - كىچىكلىكنى سېلىشتۇرۇشتا پايدىلىنىدىغان بەلگىلەردۇر. تەڭلىك بەلگىسى «=»نى ئەنگلىيىلىك رېك ئۆز ئەسىرى «ئەقىلنى روھلاندۇرۇش» تا قوللانغان. بۇ كىتابتا تەڭلىك بەلگىسى «=» بىلەن ئىپادىلەنگەچكە، كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىققان. ماتېماتىكىدا تەڭلىك بەلگىسى «=» ھەم ئىككى ساننىڭ بىر - بىرىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى، ھەم ئىككى ئىپادىنىڭ بىر - بىرىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. مەيلى قانداقلا تەڭلىكنى سېلىشتۇرۇش بولسۇن، ئۇلار تۆۋەندىكى قائىدىگە بويسۇنىدۇ: (1) ئەگەر a=b بولسا، ئۇ ھالدا ھەرقانداق سان c غا نىسبەتەن a±c=b±c (2) ئەگەر a=b بولسا، ئۇ ھالدا a=b بولىدۇ؛ (3) ئەگەر a=b، b=c بولسا، ئۇ ھالدا a=c بولىدۇ؛ (4) ئەگەر a=b بولسا، ئۇ ھالدا ھەرقانداق سان c غا نىسبەتەن ac=bc بولىدۇ. ئۇلارنى ئەنگلىيە ماتېماتىكى ئاۋتلېر «ماتېماتىكىغا كىرىش» دېگەن كىتابىدا ئىشلەتكەن، كېيىن يەنە بىر ئەنگلىيە ماتېماتىكى خاررىئوت ئۇنى «>» ۋە «<» شەكلىگە ئۆزگەرتكەن. ماتېماتىكىدا تەڭ بولۇش مۇناسىۋىتىلا ئەمەس، نۇرغۇن تەڭ بولماسلىق مۇناسىۋەتلىرىمۇ مەۋجۇت بولغانلىقتىن، تەڭسىزلىك بەلگىسىمۇ ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدۇ، تەڭ بولماسلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلانغاندا، تۆۋەندىكى قائىدىلەرگە بويسۇنۇش كېرەك (a، b لار ھەقىقىي سان): (1) ئەگەر a>b بولسا، ئۇ ھالدا b<a بولىدۇ؛ (2) ئەگەر a>b بولسا، ئۇ ھالدا ھەرقانداق ھەقىقىي سان c غا نىسبەتەن، a±c>b±c بولىدۇ؛ (3) ئەگەر c,a>b نۆلدىن چوڭ ھەقىقىي سان بولسا، ئۇ ھالدا ac>bc بولىدۇ؛ (4) ئەگەر c,a>b نۆلدىن كىچىك ھەقىقىي سان بولسا، ئۇ ھالدا ac<bc بولىدۇ؛ (5) ئەگەر b>c، a>b بولسا، ئۇ ھالدا a>c بولىدۇ. كومپيۇتېر تىلىدىمۇ «=» بەلگىسى ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن كومپيۇتېردىكى «=» باشقا بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، a=b دېگەن ئىپادە a مىقدار b مىقدار ۋەكىللىك قىلغان قىممەتنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى