UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىيىغىندى بەلگىسى (∑) ۋە ئارقىمۇئارقا كۆپەيتىش بەلگىسى (∏)

يىغىندى بەلگىسى (∑) ۋە ئارقىمۇئارقا كۆپەيتىش بەلگىسى (∏)

ماتېماتىكا بىلىملىرى «1 دىن20 گىچە مۇسبەت پۈتۈن سانلارنىڭ يىغىندىسى» نى ئىپادىلەشتە، ئۇلار بىر - بىرلەپ يېزىپ چىقىلسا تولىمۇ ئاۋارىچىلىك بولاتتى. شۇڭا، ماتېماتىكلار مۇشۇنداق ئارقىمۇئارقا قوشۇشنى ئىپادىلەيدىغان ئالاھىدە بىر بەلگە «∑» نى بەلگىلىدى. «∑» ئارقىلىق «1 دىن20 گىچە مۇسبەت پۈتۈن سانلارنىڭ يىغىندىسى» ئىپادىلەنسە مۇنداق بولىدۇ: . «∑» بەلگىسى گرېكچە «يىغىندى» نى ئىپادىلەيدىغان سۆزنىڭ باش ھەرپىدىن كەلگەن. بۇ بەلگە بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، چەكلىك سانلارنىڭ يىغىندىسىنى ئىخچام ئىپادىلەشكە مۇمكىن بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ چەكسىز كۆپ سانلارنىڭ يىغىندىسىنىمۇ ئىپادىلەشكە مۇمكىن بولدى. مەسىلەن،5 تىن كېيىنكى بارلىق مۇسبەت پۈتۈن سانلارنىڭ يىغىندىسىنى تۆۋەندىكى شەكىلدە ئىپادىلەشكە بولىدۇ «∞» بەلگىسى چەكسىز چوڭنى ئىپادىلەيدۇ. ماتېماتىكلار يەنە «∏» دىن پايدىلىنىپ، ئارقىمۇئارقا كەلگەن سانلارنىڭ كۆپەيتمىسىنىمۇ ئىپادىلىدى. ئۇ گرېكچە «كۆپەيتمە» دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرپىدىن ئېلىنغان. ئەگەر «1 دىن100 گىچە مۇسبەت پۈتۈن سانلارنىڭ كۆپەيتمىسى» نى ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، ئۇ مۇنداق يېزىلىدۇ: . «∏» بەلگىسىدىنمۇ چەكسىز كۆپ سانلارنىڭ كۆپەيتمىسىنى ئىپادىلەشتە پايدىلىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: «1 دىن چوڭ بارلىق مۇسبەت پۈتۈن سانلارنىڭ ئەكس سانلىرىنىڭ كۆپەيتمىسى» مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ. .
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى
يىغىندى بەلگىسى (∑) ۋە ئارقىمۇئارقا كۆپەيتىش بەلگىسى (∏) | UyghurWiki | UyghurWiki