تەڭلىمە يېشىش ماھارىتى
ماتېماتىكا بىلىملىرى
ئومۇمەن ئېيتقاندا، تەڭلىمە تەركىبىدە نامەلۇم سان بار تەڭلىكتۇر. بۇ نامەلۇم سانلارنىڭ قىممىتىنى تېپىش جەريانى تەڭلىمە يېشىش، نامەلۇم سانلارنىڭ تېپىلغان قىممىتى تەڭلىمىنىڭ يېشىمى دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەڭلىمە يېشىش مەسىلىسىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ، شۇڭا تەڭلىمىنىڭ قوللىنىلىشىمۇ ناھايىتى كەڭ، مەسىلىلەرنى تەڭلىمە تۈزۈپ يەشسەك، مەسىلە يېشىش جەريانىنى ئېنىق كۆرگىلى ھەم تەييار ئەمەللەر قائىدىسىدىن ئوڭاي پايدىلانغىلى ۋە ئوچۇق تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك، كۆپ نامەلۇملۇق مەسىلىلەرنى تەڭلىمە بىلەنلا يەشكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئارىفمېتىكىنىڭ چەكلىمىلىكلىكىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
تەڭلىمىدىكى نامەلۇم سانلارنىڭ سانى تەڭلىمىنىڭ نامەلۇملىرى، نامەلۇم ساننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجە سانى تەڭلىمىنىڭ دەرىجىسى دېيىلىدۇ. مەسىلەن،0 =1+x+2x4+3x بىر نامەلۇملۇق ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە، بولسا ئىككى نامەلۇملۇق بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەر سىستېمىسى دېيىلىدۇ. ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەڭلىمىلەردىن پايدىلىنىپ يەشكەندە، ئاۋۋال نامەلۇمنى بەلگىلىۋېلىش، ئاندىن شەرتكە ئاساسەن تەڭلىمە تۈزۈش، ئاخىرىدا تەڭلىمىنىڭ يېشىمىنى تېپىش كېرەك.
مەسىلەن:
يۇقىرىدىكى ئۈچ نامەلۇملۇق بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەر سىستېمىسىنى يېشىشتە،(3)+(2) تىن:
(4)60 =3x+5y+4z
(1)-(4) دىن:
(5)7 =3y+3z=21 →y +z
(2)-2×(3) دىن:
(6)y+5z=18
تەڭلىمە يېشىشنىڭ ماھارىتى كۆپ، ئۆگىنىش جەريانىدا داۋاملىق مەشىق قىلغاندىلا، ئۇنى ئىگىلىگىلى ۋە جارى قىلغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر بىرىنچى دەرىجىلىك، ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن بەشىنچى دەرىجىلىككىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى ماتېماتىكا ساھەلىرىنى ئاچتى.