UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىπنى »مارافونچە ھېسابلاش«

πنى »مارافونچە ھېسابلاش«

ماتېماتىكا بىلىملىرى چەمبەرنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى بىلەن دىئامېتىرىنىڭ نىسبىتى بىر تۇراقلىق سان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى چەمبەر تۇراقلىقى دەپ ئاتىغان ۋە π ئارقىلىق خاتىرىلىگەن. ئىنسانلار ئۇنىڭ قىممىتىنى ھېسابلاشنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى2 - ئەسىردىن باشلاپ، تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە، كىشىلەر گەرچە π نىڭ قىممىتىنى نەچچە يۈز مىليون خانىغىچە ھېسابلىغان ۋە باسسا نەچچە مىليون بەتلىك كىتاب بولغۇدەك سانغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىر تەقرىبىي قىممەتتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر π نى ھېسابلاشنى ئىلىم - پەن تارىخىدىكى «مارافونچە ھېسابلاش» دەپ ئاتىغان. π نىڭ قىممىتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2 - ئەسىردە جۇڭگودا يېزىلغان «جۇپى ھېسابلاش رىسالىسى» دە خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدا ئايلانمىسى ئۈچ بولسا دىئامېتىرى بىر بولۇر دېگەن سۆزلەر بار. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ماتېماتىكلار π نىڭ قىممىتىنى 10√(تەخمىنەن16 .3)غا ئۆزگەرتكەن. π نىڭ قىممىتىنى تۇنجى بولۇپ توغرا ئۇسۇلدا ھېسابلاپ چىققان كىشى ۋېي - جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ليۇ خۇيدۇر. ئۇ مىلادىيە263 - يىلى تۇنجى بولۇپ چەمبەرگە ئىچتىن تېگىشكەن مۇنتىزىم كۆپ تەرەپلىكنىڭ يۈزىنى چەمبەرنىڭ يۈزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، π نىڭ قىممىتىنىڭ تەخمىنەن14 .3 بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. ئېلىمىزدە بۇ ئۇسۇل چەمبەرنى كېسىش ئۇسۇلى دەپ ئاتالغان. غەربلىكلەر1200 يىلدىن كېيىنلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلنى تاپالىغان. كېيىنكىلەر ليۇ خۇينىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن14 .3 نى ليۇ خۇي تۇراقلىقى دەپ ئاتىغان. مىلادىيە460 - يىلى جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ياشىغان زۇ چوڭجى ليۇ خۇينىڭ چەمبەرنى كېسىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، π نىڭ قىممىتىنى1415926 .3گىچە ھېسابلاپ چىققان، بۇ دۇنيا بويىچە بىرىنچى قېتىم ھېسابلاپ چىقىلغان چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ يەتتە خانىلىق ئونلۇق كەسىرگىچە ئېلىنغان قىممىتىدۇر. زۇ چوڭجى يەنە π گە يېقىنلىشىدىغان 22/7 ۋە 355/113 تىن ئىبارەت ئىككى ئاددىي كەسىرنىڭ قىممىتىنى تېپىپ چىققان. بۇ ئىككى ئاددىي كەسىر ئونلۇق كەسىرگە ئايلاندۇرۇلغاندا، ئۇلارنىڭ قىممىتى ئۇ ھېسابلاپ چىققان ئونلۇق كەسىرنىڭ قىممىتىدەك توغرا بولمىسىمۇ، لېكىن π نىڭ ئورنىدا ئاددىي كەسىرنى ئىشلەتكەندە، ھېسابلاش ئاددىيلاشقان، بۇ خىل ئىدىيە غەربلىكلەردە1000 يىللاردىن كېيىنلا پەيدا بولغان. زۇ چوڭجى ئېرىشكەن π نىڭ بۇ قىممىتى1000 نەچچە يىل دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغان.1596 - يىلى گوللاندىيىلىك ماتېماتىكا رۇدولف ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق π نىڭ15 خانىلىق ئونلۇق كەسىرگىچە ئېلىنغان قىممىتىنى ھېسابلاپ چىققان، كېيىن ئۇ بۇ ساننى35 خانىغا كېڭەيتكەن.1610 - يىلى ئۇ ۋاپات بولغاندا، كىشىلەر ئۈستىگە ئۇ ھېسابلاپ چىققان π نىڭ قىممىتى14159265358979323846264338327950288 .3 ئويۇلغان بىر قەبرە تېشىنى تىكلەپ قويغان ھەم ئۇنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بۇ ساننى «رۇدولف سانى» دەپ ئاتاشقان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەرب ماتېماتىكلىرىنىڭ π نى ھېسابلاش خىزمىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان.1948 - يىلى، فېرگوسون بىلەن رېئىنچ ھەمكارلىشىپ، π نىڭ توغرا بولغان808 خانىلىق ئونلۇق كەسىر قىممىتىنى ھېسابلاپ چىققان. لېكىن، بۇ خىل ھېسابلاشقا يەنىلا ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپ بولاتتى، ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، π نىڭ قىممىتىنى ئادەم كۈچى بىلەن ھېسابلاشقا خاتىمە بېرىلدى.20 - ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىدا، كىشىلەر ھېسابلاش ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ، π نىڭ100 مىڭ خانىلىق ئونلۇق كەسىرگىچە ئېلىنغان قىممىتىنى ھېسابلاپ چىققان،70 - يىللاردا ئۇنى يەنە1 مىليون500 مىڭ خانىغا يەتكۈزگەن.1990 - يىلى ئامېرىكا ماتېماتىكلىرى يېڭى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، π نىڭ قىممىتىنى480 مىليون خانىغىچە ھېسابلاپ چىقتى.
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى