UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىئۈچ پۇتلۇق تىرەكنىڭ ئۆرە تۇرۇشىنىڭ سىرى − ئېغىرلىق مەركىزى

ئۈچ پۇتلۇق تىرەكنىڭ ئۆرە تۇرۇشىنىڭ سىرى − ئېغىرلىق مەركىزى

ماتېماتىكا بىلىملىرى ئۈچ تال تاياقنىڭ بىر ئۇچىنى بىر قىلىپ چىگىپ، يەنە بىر ئۇچىنى يېيىپ قويساق، ئۈچ پۇتلۇق تىرەك ھاسىل بولىدۇ. چىگىلگەن ئۇچلىرى ئۈچ پۇتلۇق تىرەكنىڭ «بېشى»، يېيىلغان ئۇچلىرى «پۇتى» بولىدۇ. ئۈچ پۇتلۇق تىرەك فوتوگرافىيە ھەۋەسكارلىرى فوتو ئاپپاراتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، دالا تامىقى يېگۈچىلەر چاي قاينىتىش، تاماق ئېتىش ئۈچۈن تىرەك قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ... ئۈچ پۇتلۇق تىرەك ئاددىي ۋە ئىشلىتىشكە ئەپلىك، لېكىن ئىشلەتكەن ۋاقتىدا ئۈچ پۇتلۇق تىرەكنىڭ «بېشى» ئۈچ «پۇت» تىن ھاسىل بولغان ئۈچبۇلۇڭنىڭ دائىرىسىدە بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، شۇندىلا مۇقىم بولىدۇ، ناۋادا ئۈچ پۇتلۇق تىرەكنىڭ «بېشى» ئۈچ «پۇت» تىن ھاسىل بولغان ئۈچبۇلۇڭنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتسە، تىرەك ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ھەرقانداق جىسىمنىڭ بىر ئېغىرلىق مەركىزى بولىدۇ، ناۋادا ئېغىرلىق مەركىزى جىسىمنىڭ تىرەك نۇقتىلىرىنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتسە، جىسىم مۇقىم بولمايدۇ، ھەتتا ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ئۈچ پۇتلۇق تىرەكنىڭ مۇقىم بولۇشى ئۈچۈن، «بېشى» نى ئۇنىڭ تىرەك نۇقتىلىرى دائىرىسىگە − تىرەكنىڭ ئۈچ «پۇتى» دىن ھاسىل بولغان ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچىگە توغرىلاش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئورنىنى توغرا ئىگىلەش جىسىمنىڭ مۇقىم بولۇشىنىڭ ھالقىسى. سېرك ئارتىسلىرى گۈل لوڭقىسىنى تىرەش ئويۇنىنى ئوينىغاندا مۇشۇ قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ، كىشىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك نومۇرلارنى ئورۇندايدۇ. ئارتىس بىر تال تاياقنى لوڭقا، ئىستاكانلار قويۇلغان ئەينەك تاختىنىڭ ئاستىغا ئەينەك تاختا ئۈستىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى شۇ تاياققا چۈشىدىغان قىلىپ تىرەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن لوڭقا ۋە ئىستاكانلار ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ. ئادەتتە گېئومېتىرىيىلىك شەكىل سىزىشتىن پايدىلىنىپ ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۈچبۇلۇڭ CBA نىڭ ئۈچ تەرىپى BA،CB، AC لارنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى D، E، F لارنى ئايرىم - ئايرىم تېپىپ، A بىلەن E، B بىلەن F، C بىلەن D نى تۇتاشتۇرساق، بۇ ئۈچ سىزىق كېسىشكەن O نۇقتا بۇ ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى