UyghurWiki
UyghurWikiماتېماتىكا بىلىملىرىسىممېترىكلىك

سىممېترىكلىك

ماتېماتىكا بىلىملىرى قوڭغۇراقلىق سائەت، ئايروپىلان، شامالدۇرغۇچ، ئۆگزە قاتارلىقلارنىڭ رولى، خۇسۇسىيىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، بىراق، ئۇلارنىڭ شەكلىدە بىر ئورتاقلىق − سىممېترىكلىك بار. سائەت، ئۆگزە، ئايروپىلان قاتارلىقلارنىڭ تاشقى شەكلىدىن بىر سىزىق (ئۈزۈك سىزىق بىلەن كۆرسىتىلگەن) تېپىشقا بولىدۇ، بۇ سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شەكىللەر ئوپمۇ ئوخشاش بولىدۇ. دېمەك، بۇ سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپىنى مۇشۇ سىزىقنى بويلاپ قاتلىساق، سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپى ئۈستمۇئۈست چۈشىدۇ. ماتېماتىكىدا مۇنداق خۇسۇسىيەتلىك شەكىللەر ئوققا نىسبەتەن سىممېترىك شەكىللەر، بۇ سىزىق سىممېترىك ئوقى دەپ ئاتىلىدۇ. شامالدۇرغۇچنىڭ قاناتلىرى ئوققا سىممېترىك شەكىل ئەمەس، قانداقلا سىزغان بىلەن مۇنداق تۈز سىزىقنى تاپقىلى بولمايدۇ. لېكىن، شامالدۇرغۇچنىڭ بىر قانىتى شامالدۇرغۇچ قاناتلىرىنىڭ مەركىزىنى °180 ئايلانسا، يەنە بىر قاناتنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا ئۈستمۇئۈست چۈشىدۇ، مۇنداق شەكىللەر ماتېماتىكىدا مەركەزگە نىسبەتەن سىممېترىك شەكىللەر، بۇ مەركەز سىممېترىك مەركىزى دەپ ئاتىلىدۇ. روشەنكى، قوڭغۇراقلىق سائەتمۇ مەركەزگە نىسبەتەن سىممېترىك شەكىلدۇر. ئوققا ۋە مەركەزگە نىسبەتەن سىممېترىك بولغان بارلىق شەكىللەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، سىممېترىك شەكىللەر دېيىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ قوڭغۇراقلىق سائەت، ئايروپىلان، شامالدۇرغۇچلارنى سىممېترىك شەكىلدە ياسىشىدا چىرايلىق بولۇشى نەزەردە تۇتۇلۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭدا مۇئەييەن ئىلمىي قانۇنىيەت بار: سائەت سىممېترىك ياسالسا، ئىسترېلكىلىرى تەكشى ماڭىدۇ، ئايروپىلان سىممېترىك ياسالسا، ھاۋادا تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالايدۇ. سىممېترىكلىك سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى مۇھىم ئۆلچەم بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان شېئىرىيىتىدىكى جۈپلەش، خەلق ئارىسىدىكى دۈيليەن قاتارلىقلاردا بىر خىل ئىچكى سىممېترىك مۇناسىۋەت بار. ئەگەر قۇرۇلۇشمۇ بىر سەنئەت دېيىلسە، ئۇھالدا سىممېترىكلىك قۇرۇلۇشتا تېخىمۇ كەڭ قوللىنىدۇ، جۇڭگونىڭ بېيجىڭ شەھىرى گۇگۇڭ (خان سارىيى)، تيەنئەنمېن، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى، چيەنمېن قوۋۇقىنى ئوتتۇرا ئوق (سىممېترىك ئوقى) قىلغان ھالدا ئىككى تەرىپى سىممېترىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سىممېترىكلىك يەنە تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىر خىل بىئولوگىيىلىك ھادىسىدۇر. نۇرغۇن ئۆسۈملۈك، ھايۋانلار سىممېترىك شەكىلدە بولىدۇ، مەسىلەن، ئادەم تېنى بۇرۇن، كىندىكنى تۇتاشتۇرۇش سىزىقىنى سىممېترىك ئوقى قىلغان سىممېترىك شەكىل، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، قول، پۇت، ئەمچەكلەرنىڭ ھەممىسى سىممېترىك ئورۇنلاشقان بولىدۇ. كۆزلىرى سىممېترىك بولغاچقا، كىشىلەر جىسىملارنى تېخىمۇ دەل كۆرەلەيدۇ؛ قۇلاقلىرى سىممېترىك بولغاچقا، كىشىدە ئاڭلىغان ئاۋازغا نىسبەتەن بىرقەدەر كۈچلۈك ستېرېئولۇق تۇيغۇ ھاسىل بولۇپ، ئاۋاز چىققان ئورۇننى توغرا بەلگىلىيەلەيدۇ؛ قول، پۇتلىرى سىممېترىك بولغاچقا، مېڭىش - تۇرۇشتا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالايدۇ. سىممېترىكلىك ماتېماتىكا تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم مەزمۇن. بىراق، ماتېماتىكىدىكى سىممېترىكلىك شەكىللەرنىڭ سىممېترىك بولۇشى بىلەن چەكلەنمەيدۇ، سان جۈپى (4 ,3) بىلەن (4 ,3-) تەكشىلىكتىكى y ئوققا نىسبەتەن سىممېترىك دەپ؛ سان جۈپى (4 ,3) بىلەن (4- ,3-) تەكشىلىكتىكى كوئوردېنات بېشىغا نىسبەتەن سىممېترىك دەپ؛ كۆپ ئەزالىق x3+3xy2+y+,x2+y2 لار x، y لەرگە نىسبەتەن سىممېترىك كۆپ ئەزالىقلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىممېترىك تەڭلىمە، سىممېترىك دېتېرمىنانت، سىممېترىك ماترىسسا قاتارلىق ئۇقۇملارمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار ماتېماتىكا بىلىملىرى
سىممېترىكلىك | UyghurWiki | UyghurWiki