جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى
زامانىۋىي تېبابەت
جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ۋەتىنىمىز تېببىي ئىلمىدىكى غـايەت زور خەزىنە، شۇنداقلا دۇنيا تېببىي دورا بېغىدىكى چاقنىغان مەرۋايىت.
چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدىلا «دېھقانچىلىق پىرى تـۈزگـەن ئۆسـۈمـلـۈك دورىلار دەستـۇرى» غـا365 خىل ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات دورا ماتېرىيالى كىرگۈزۈلگەن. تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئېلان قـىلغـان «يېڭى دورا ئۆسۈملۈكلىرى» گە دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن844 خىلى كىرگۈزۈلـگـەن. بـۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى دورا قامۇسى بولۇپ، غەربنىڭ ئەڭ بۇرۇنقـى دورا قامۇسىدىن800 نەچچە يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن.
مىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە لى شىجېن تۈزگەن «دورا ئۆسۈملۈكلـىـرى قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن دورا ئۆسۈملۈكلىرى1892 خىلغـا ۋە قوشۇمچە رېتسېپ11 مىڭ خىلغا يەتكەن بولۇپ، جەمئىي52 جىلدتىن تەركىب تاپقان. ئۇ بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللـەر ئىـنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقان تېببىي دورا ئۆسۈملۈكلىرىگە دائىر كاتتا ئەسـەر بولۇپ، نـۇرغۇن يېزىقلارغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم دۇنيا تېبابىتىگە غايەت زور تـۆھپـىلەرنـى قوشقان.
خىمىيىلىك دورىلارنىڭ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلـەر ئۈنۈملۈك يېڭى خىمىيىلىك دورىلارنى بايقاشنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن خىمىيىلىك دورىلارنىـڭ زەھىرى ۋە قوشۇمچە تەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن ئىبارەت تەبىئىي دورىلار ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى قايتا نامايان قىلىشقا باشلىدى. ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتقا ئىنتـايىن ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق جۇڭيى دورىسى تەركىبلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ھازىرقى زامان بىئولوگىيىسى ۋە تېببىي ئىلـىـم نـەزەرىـيـىـسـى ئارقىلىق جۇڭيى دورىلىرىنىڭ فارماكولوگىيىسىنى ئىزاھلاپ، ئۇنى تېخىـمـۇ كۆڭۈلدىكىدەك يېڭى دورا قىلىپ ياساپ چىقماقتا.
داڭلىق ۋە ئاز ئۇچرايدىغان دورا ئۆسۈملۈكلىرىگە ئېرىشىش ئۈچـۈن ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى ئەڭ ئىلغار بىئو تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭيـى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىشنى سىناق قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئادەمگىياھ، مېھرىگىياھ، ئەگرى سوناي، گـاسترودىيە ئوتى، تىزغا، زاراڭزا قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرىنى ھۈجەيرە قـۇرۇلۇشى ئۇسۇلى ئارقىلىق يېتىشتۈرگىلى بولىدىغان بولدى. گەرچە يېتىشتۈرۈلۈپ چىقىلغىنى تۈپ - تۈپلەپ كۆچەت بولماي، ئۇلارنـىـڭ ھۈجـەيـرىلىرى بولسىمۇ، لېكىن بىرلىك مەھسۇلاتى ۋە ئۈنۈملۈك تەركىبـىـنـىـڭ مـىـقـدارى تەبىئىي ئۆسكەنلىرىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ھەمدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولغاچقا، قۇلايلىق ھەم ئەرزان.
جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى دۇنياغا يۈزلنىپ، يـېڭى سەكرەش پۇرسىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىـڭ ئۆزىـگـە خـاس تـۈرگـە ئايرىش پرىنسىپى ۋە فارماكولوگىيە نەزەرىيىسى بار. جۇڭيى تېبابىتى دورا خۇسۇسىيىتى بىلەن داۋالاش رولىنىڭ ئىچكى باغلىنىشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭيى دورىلىرىنى سوغۇق، ئىـسـسىق، مۆتىدىل، سالقىندىن ئىبارەت تۆت خۇسۇسىيەتكە؛ چۈچۈمەل، قىرتاق، ئاچچىق، ئۆتكۈر ئاچچىق، تۇزلۇقتىن ئىبارەت بەش تەمگە ھەمدە ئۆرلىتىش، تۆۋەنلىتىش، چۆكۈرۈش، لەيلـىـتـىش قاتارلىق ئوخشىمىغان روللارغا ئايرىيدۇ. دورىلارنىڭ ئاساسـلىق داۋالاش دائىرىسى بېكىتىلگەن بولۇپ، «دورىلارنىڭ تـەسىرى» دېيىلىدۇ. جۇڭيى دورىلىرىنىڭ يەنە بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى دورا تىپى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇللىرى بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا دورا خـۇسۇسىيىتـى ۋە ئىشلىتىلىش يولىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان دورا تىپلىرىنى يـاسـاپ چىققىلى، دورا ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. جـۇڭـيـى دورىلىرىنى قاينىتىش ئۇسۇلى ۋە ئىچىش ۋاقتىغا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدۇ. بەزى دورىلارنىڭ يەنە پەرھىزلىرى بولۇپ، ئۇنى ئىچكەندە جەزمەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.