جۇڭگونىڭ نەپەس گۇمپىسى
زامانىۋىي تېبابەت
نەپەس (يەل) گۇمپىسى ئېلىمىزدە ئاز دېگەندىمۇ3000 يىلدىن ئارتـۇق تارىخقا ئىگە، ئۇ ئېلىمىز مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدىـكـى قـىممەتلىك ئەنگۈشتەر. نەپەس گۇمپىسى جۇڭيى تېبابىتى نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
جۇڭيى تېبابىتىدە ئادەم بەدىنى «شەكىل» بىلەن «روھ» بىرلىككە كەلگەن ئورگانىك گەۋدە، روھ ئادەم بـەدىنىگە غـايەت زور تـەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. نەپەسنى تىزگىنلەش ماھارىتى ئاڭ ئارقىلىق ئورگانىزمنى تەڭشەيدىغان بىر خىل چـېنىقىش ئۇسۇلى. ئاڭنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزگىنلەش ئارقىلىق ئۆز بەدىنىدىكى ھەرىكەتلەرنى ئىگىلەش، ھەرقايسى قىسىملارنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەش ۋە كۈچەيتىش، ئادەم بەدىنىدە ئەزەلدىن بولغان يوشۇرۇن كۈچنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېسەللىكنى داۋالاش، ئاجىزلارنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، قېرىلارنى تېمەنلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
نەپەس گۇمپىسى تىنچ گۇمپا بىلەن ھەرىكەتلىـك گـۇمپىدىن ئىـبـارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. تىنچ گۇمپىـدا ئولـتـۇرۇش، يـېـتـىـش، ئۆرە تۇرۇش قاتارلىق قىياپەتلەر قوللىنىلىپ، بوش تۇرۇش، تىـنچ تۇرۇش، ئەمەل قىلىش، ئارام ئېلىش قاتارلىق ئاڭنى چېنىقتۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىچكـى روھى، ئىـچكى ئەزالىرى، ھاۋا بىلەن قان ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلار نۇقتىلىق چېنىقتۇرۇلىدىغان بولغاچقا، «ئىچكى گۇمپا» دەپ ئاتىلىدۇ. ھەرىكەتلىك گۇمپا ئاڭ بىلەن نەپەس بىرلەشتۈرۈلگەن تۈرلۈك مۈچە ھەرىكىتى بولۇپ، شاپىلاقلاش ھەمدە ئۆز - ئۆزىنى ئۇۋۇلاش قاتـارلـىـق ئۇسۇللار بىلەن ئىچكى ئەزا، پەي، سۆڭەك، مۇسكۇل، تېرە چېنىقتۇرۇلىـدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ئىپادىلىنىدىغـان بـولـغـاچـقـا «تـاشـقـى گـۇمـپـا» دېيىلىدۇ. نەپەس گۇمپىسىدىكى «قاتتىق نەپەس گۇمپىسى» ئىـچـكـى ئەزالار بىلەن تاشقى ئەزالارنى تەڭ چېنىقتۇرۇشنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، نەپەس سۈمۈرۈش، نەپەس چىقىرىش، نەپەسنى توختىتىش، نەپەسنى يىغىش قاتارلىقلارغا سىرتقى قىسىمدىن شاپىلاقلاش قوشۇلسا مۇسكۇللارنى تېخىمۇ بېجىرىملەشتۈرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدىكى ئىلىم - پەن خادىملىرى نەپەس گۇمپىسىنى كۆپ پەنلەر ئاساسىدا تەتـقـىـق قـىـلـىـپ، كـۆرگـىـلـى ھەم تۇتقىلى بولمايدىغان نەپەسنىڭ ئوبيېكتىپ ماددىي ئاساسى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ماددىلار ھەرىكىتىنىڭ بىر خىل شەكلى ئىكـەنـلـىـكـىـنـى، ماددىلار ئوبرازىنىڭ بىر خـىـل پـەۋقـۇلئاددە ئىـپـادىـسـى ئىـكەنـلـىـكـىـنـى ئىسپاتلىدى.
نەپەس گۇمپىسىنى ئۆگىنىش قارىماققا ئىنتايىن ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتـە ئۇنىڭدىكى ھەربىر ھەرىكەتكە قاتتىق تەلەپ قويۇلغان بولۇپ، بىرەر تىنىق خـاتا كەتسە بەدەنگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، نەپەس گۇمپىسىنى ئۆگىنىشتە ئۇستازنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىنىـڭ يېشى، بەدەن ساپاسى، كېسەللىك ئەھۋالىغا باب كېلىدىغان گۇمپىنى ئۆگىنىش، مەشىق تەلىپىگـە ئاساسەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش لازىم، شۇنداق قىلغاندىلا ئۈنـۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى نەپەس گـۇمپىسىـغا قارىتا ئىلمىي پوزىتسىيىدە بولۇش لازىم.