UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋىي تەبابەتتەبىئىيسىدىنمۇ ئېسىل سۈنئىي ئەزالار

تەبىئىيسىدىنمۇ ئېسىل سۈنئىي ئەزالار

زامانىۋىي تېبابەت ئىنسانلار پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تەقلىد قىلىپ ياسىغان ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالار سۈنئىي ئەزا دېيىلىدۇ. بۇ خىل سۈنئىي ئەزالار ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈلسە ھەم ئۆز رولىنى يوقاتقان كېسەل ئەزالارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، ھەم باشقىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەزانى كۆچۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئىممۇنىتېتلىق چەتكە قېقىش رېئاكسىيىسىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى ياكـى ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. سۈنئىي كېكىردەك، سۈنئىي يۈرەك كلاپىنى، سۈنئىي بـوغـۇم، سۈنئىي قـۇلاق قۇلۇلىسى قاتارلىقلار كىشىلەرگە خېلىلا تونۇشلۇق بولسىمۇ، ئەمما سـۈنئىي يۈرەك، سۈنئىي بۆرەك قاتارلىقلارمۇ تېبابەتتە بىرقەدەر مۇۋەپپەقـىيەتلىك ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە تېخىمۇ ئىلغار سـۈنئىـي توقۇلما ۋە ئەزالار ئارقا - ئارقىدىن تەتقىق قىلىنماقتا ۋە ياسالماقتا. مەسىلەن، قىسقۇچپاقا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ قاسىرىقىدىن ئېلىنغان خىتـىـن ماددىسىدىن ئىشلەنگەن سۈنئىي تېرە كۆيۈك بىلەن يارىلانغان بىمارلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنماقتا. فرانسىـيىدە بىر خىل ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن بىئولوگىيىلىك يېلىـم تـېـرە، مـۇسـكـۇل ۋە سۆڭەكنى تۇتاشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىپ، تـاشـقـى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىسىنى تېخىمۇ قۇلايلىقلاشتۇرماقتا. ياپونىيىلىك ئالىملار يەنە ھەر خىل قان تىپىدىكى كىشىلەرگە باب كېلىدىغان ئۈچىنچى ئەۋلاد سۈنئىي قىزىل قان پلاستىنكىچىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. ئىلغار ئېلېكترون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ يـاسالغان يالغان پۇت - قوللار نـېـرۋا سىستېمىسىنىڭ تىزگىنلىشىنى بىۋاسىتە قوبۇل قـىلالايدىغان، شۇنداقلا تەبىئىي پۇت - قوللارنىڭ ئىقتىدارىنى ئوينىيالايدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئالىملار يەنە ئىنتايىن كىچىك ئاپتوماتىك ئۈسكۈنە ئارقىلىق قـاندىكـى گلۇكوزىنىڭ قويۇقلۇقىنى داۋاملىق ئۆلچىيەلەيدىغان ھەمدە مـىـكـرو تـىـپلىق پومپىغـا قوماندانلىق قىلىش ئارقىلىق، ھېسابلاش نەتىجىسى بويىچە قانغا ئىنسۇلىن تـولـۇقلاپ، قاندىكى شېكەر قويۇقلۇقىنى ئەڭ مۇۋاپىق سەۋىيىدە مۇقىملاشتۇرىدىغان بولدى. بـۇ خىل ئەسۋاب ئىنتايىن كىچىك بولۇپ بىمارنىڭ تېنىگە (يـاكـى بـەدەن سىرتى) ئورنىتىلسا دىئابىت بىمـارلىرىدىكى ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىش رولىنىـڭ ئورنـىنى ئالىدىغان بولغاچقا، «سۈنئىي ئاشقازان ئاستى بېزى» دېيىلىدۇ. تەقلىد قىلىپ ياساش ئەڭ قىيىن بولغان ئەزا جىگەر بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيىلىك ئالـىـملار ئۇنىمۇ ياساپ چىقـتى. گەرچە بۇ خىل جىگەر بـەدەن سىرتىدا سـۈنئىـي ئۆستۈرۈلگەن جىگەر ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن بولسىمـۇ، ئىشقىلىپ ئۇ جىگەر رولىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئېغىر جىگەر كېسەللىكى بىمارلىرىنى نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يېقىن كەلگۈسىدە تەبىئىيسىدىنمۇ ئېسىل سۈنئىي ئەزالار يارىلانغان، مېيىپ بولغانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقـۇزۇپلا قـالـمـاسـتـىـن، ئۇلارنى نورمال ئادەمگە ئوخشاش ھايات كەچۈرۈش ئىمكانىيـىـتـىـگـە ئىـگـە قىلىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ئىنسانلارغا بەخت يارىتىدۇ. چۈنكـى، بەزى ئىلغار سۈنئىي ئەزالار ئىقتىدار ۋە پرىنسىپ قاتارلىق جەھەتلـەردە ئادەم بەدىنىدىكى تەبىئىي ئەزالاردىن ئېشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، شـەپـەرەڭـنـىـڭ توسالغۇلارغا ھۆكۈم قىلىش قائىدىسىگە ئاساسەن تەتقىق قىلىپ ياسالغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى چىقىرىپ ۋە قوبۇل قىلىپ توسالغۇلارنى «كۆرەلەيدىغان» ئەمالار كۆزەينىكى. ئۇنىڭدىن باشقا، كارامەت خىسلەتلـىـك «ئېلېكترون بۇرۇن»، «پاقا كۆز»، «ئېلېكترون قۇلاق» قاتارلىقلار گەرچـە ئادەم بەدىنىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا ئىشتىلمىـسىمـۇ، لـېـكـىـن ھەربىي ئىشلار، سـانـائەت قـاتـارلىـق سـاھەلـەردە مـۇھىم رولىنـى جـارى قىلدۇرماقتا.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋىي تەبابەت