UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋىي تەبابەتئىچكى ئەزالار رازۋېدچىكى − TC

ئىچكى ئەزالار رازۋېدچىكى − TC

زامانىۋىي تېبابەت 1972 - يىلى ئەنگلىيىلىك ئالىم خانسىفـېـرد بـىـلـەن ئامـېـرىـكـىـلـىـق پروفېسسور كوك X نۇرى ئۇچۇرىنى ئاساس قـىـلـىـپ، ئېـلـېـكـتـرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىدا سانلىق قىممەتلەرنى ھېسابلاش ئارقـىـلـىـق تـەسـۋىـر ھاسىل قىلىدىغان قۇرۇلمىنى كەشىپ قىلدى. بۇ قۇرۇلما بەدەننىڭ ئىـچـكـى قىسمىنى توغرا كەسمە يۈز بويىـچـە قـەۋەتـمـۇقـەۋەت سـۈرەتـكـە ئالالايـدۇ. تارتىلغان سۈرەتنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپلا قـالـمـاسـتـىـن، ستېرېئولۇق تۇيغۇسىمۇ كۈچلۈك. بۇ قۇرۇلما «X نۇرىلىق ئېـلـېـكـتـرونـلـۇق ھېسابلاش ماشىنىسىدا قەۋەتلەر بويىچە سۈرەتكە ئېلىـش ئەسۋابى» دېيىلىدۇ، قىسقارتىلىپ TC دېيىلىدۇ. TC بەدەن ئىچىدىكى توقۇلما ۋە ئەزالارنىڭ تاشقى شەكلىنـى ئېنىق رەسىمگە ئالالايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ كۆلىمى ۋە ھەجمىنى ئۆلچىيەلەيدۇ؛ كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان قىسىمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى توغرا بېكىتىپ، كېسەللىككە دىئاگنوز قويۇشنى ئىشەنچلىك ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىملار يەنە يادرو ماگنىتىك رېزونانسلىـق TCنى كەشىپ قىلدى. بۇنىڭدا ئادەم بەدىنى تىنچ مـاگــنـىـت مـەيـدانـىـغـا قويۇلۇپ ئالاھىدە چاستوتىلىق ئېلېكـتـر ماگنىت دولقۇنى ئادەم بەدىنىنىڭ توقۇلما ھۈجەيرىلىرىدىكى ئاتوم يادروسىغا چـۈشۈرۈلىدۇ، نـۇر چۈشكەن توقۇلمىلار ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئېنېرگىيىسـنـى روشـەن ھالدا سۈمۈرۈپ، يادرو ماگنىتىك رېزونانسنى شەكىللەندۈرىدۇ. يـادرو ماگنىتىك رېزونانسلىق TC (قىسقارتىلىپ TC - RMN دېيىلىدۇ) ئارقىلىق ئادەم بەدىنى توغرا كەسمىسىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېنىـق كۆرگىلى بولۇپلا قالماي، تىك كەسمە يۈز، يانتۇ كەسمە يۈز قاتارلىق كـەسمە قەۋەتلەرنى سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ. ئىـچكى ئەزالارنىڭ شەكلىنى ئېنىق كۆرگىلى بولۇپلا قـالماي، ئىچكى ئەزالارنىڭ فۇنكسىيىسى، فىزىئولوگىيىسى ۋە بىئو خىمىيىلىك ئۇچۇرلىرىغا ئېـرىـشـىـپ، ئىچكى ئەزا كېسەللىكلىرى ۋە راكقا بالدۇر دىئاگنوز قويۇشنى ئاساس بىلـەن تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ. يادرو ماگنىتىك رېزونانسلـىـق TC غا چۈشكەندە، بىمار ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسى بىلەن ئۇچراشمايدىغان بولغاچقا، X نۇرىنىڭ ئادەم بەدىنىدە پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان زىيىنىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋىي تەبابەت
ئىچكى ئەزالار رازۋېدچىكى − TC | UyghurWiki | UyghurWiki