UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋىي تەبابەتئېلېكتروئېنسېفالوگرامما

ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما

زامانىۋىي تېبابەت ئېلېكتروكاردىئوگرامما ئارقىلىق يۈرەكنىڭ بىئو ئېلېكتر ھەرىكىـتـىـنـى ئۆلچىگىلى بولغىنىغا ئوخشاش، ئادەم مېڭىسى نېرۋا ھۈجەيرىلىـرىـنـىـڭ بـىئو ئېلېكتر ھەرىكىتىنىمۇ ئادەم باش تېرىسىگە ئېلېكتر قۇتۇپىـنـى ئورنـىـتـىـپ، ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما ئاپپاراتى ئارقىلىق ئۆلچەشكە ھەمدە ئەگرى سىزىق بىلەن خاتىرىلەشكە بولىدۇ، مانا بۇ ئېلېكتروئېنـسېفالوگراممىدۇر. ئۇ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ھەرىكىتىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئادەم سەگەك تۇرغان، روھلانغان، چارچىغان، ئۇخلىغان چاغلاردىكى ئوخشاش بولمىغان ھالەتلەردە ئېلېكتروئېنسېفالوگراممىدا ئايرىم - ئايرىم α، β، θ ۋە δ دىن ئىبارەت تۆت خىل دولقۇن شەكلى كۆرۈنىدۇ. ھەربىر خىل دولـقۇن شەكلىنىڭ مۇئەييەن چاستوتىسى ۋە دولقۇن تەۋرىنىش ئېگىزلىكى بولىدۇ. ئەگەر كۆرۈلگەن دولقۇن شەكلى چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىگە باب كەلمىسە ياكى بىنورمال چاستوتىلىق دولقۇن شەكلى كۆرۈلسە چوڭ مېڭە نېرۋىسىدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، تۇتقاق كېسىلى بار بىمارلاردا زىـچ ھەم دولقۇن تـەۋرىنىشى چوڭراق ئۇچلۇق دولقۇنلار كۆرۈنىدۇ. شۇڭـا، ئېلېكتروئېنسېفالوگراممىدا تەكشۈرۈش تۇتقاقلىق، مېڭە ئۆسمىسى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە مېڭە تاشقى زەخىملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشتا ئىنتايىن كۆپ ياردەم بېرىدۇ. ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما توغـرىـسىدىكى تەتـقىقات كۈنـسايىن چوڭقۇرلاشماقتا. بەزى دۆلەتلەر باش تېرىسىـگـە تەگكۈزمەي تـۇرۇپلا شوپۇرلارنىڭ ئېلېكتروئېنسېفالوگراممىسىنى ئۆلچەپ چىقىدىغـان ئەسـۋابـنـى ياساپ چىقىپ، شوپۇرلارنىڭ تەپەكـكـۇر پائالىيىتىنى كۆزىتىشـكـە ئىشلەتمەكتە. بۇ ئەسۋاب ئارقىلىق شوپۇرنىڭ كاللىسى سەگەك بولمىغان ئەھۋالدا، ۋاقتىدا تـەدبىر قوللىنىپ ۋەقە كۆرۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئالىملار يەنە يېقىن كەلگۈسىدە سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنىنى قوبۇل قىلغانغا ئوخـشاش، مەلۇم ئادەمنىڭ ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن مېڭە ئېلېكتـر دولـقۇنىنى ئەسۋاب ئارقىلىق «قولغا چۈشۈرۈش» كە ھەمدە ئۇ مۇلاھىزە قىلىۋاتقان مەزمۇننى تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بەرمەكتە. بۇ، كىشىلەرنىڭ بارلىق سىرلىرىنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن بەكمۇ تەشۋىشلەنمەكتە. بىراق، بىز بۇ تەرەققىياتنىڭ روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش، ئادەمنىڭ ئۆگىنىش جەريانى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتقا زور پايدىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋىي تەبابەت
ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما | UyghurWiki | UyghurWiki