UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋىي تەبابەتئانتىبىئوتىكلار

ئانتىبىئوتىكلار

زامانىۋىي تېبابەت ئانتىبىئوتىكلار دېگەندە، ئاساسلىقى مەلۇم مىكـرو ئورگـانـىـزملاردىـن ھاسىل بولغان، كېسەللىك باكتېرىيىسىنى تىزگىنلەيدىغان ياكى ئۆلتۈرىـدىغان خىمىيىلىك ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تـاڭ سۇلالىسـى دەۋرىدە چـاڭئەنـدىكى بىر كوچىدا تىككۈچىلىك قىلىدىغان ئۇستام «كۆكىرىپ قالغـان» (پېنـسىلىن زەمبۇرۇغى) شىلىمنى قايچا كېسىۋەتكەن بارمىقىـغا سـۈرگەنـدە يـارا ئاغزىنىڭ ياللۇغلانمىغانلىقىنى ھەمدە تېز ساقايغانلىقىنى بىلگەن. بۇ بەلكىم ئانتىبىئوتىك (پېنسىلىن)نىڭ ئەڭ بالدۇر ئىشلىتىلىشى بولسا كېرەك. بىراق، كىشىلەر ئانتىبىئوتىكلارنى1300 نەچچە يىلدىن كېيىن ئاندىن ھەقىقىي بىلگەن.1928 - يىلى ئەنگلىيىلىك بىر باكتېرىئولوگ ئۈزۈمـسىمان شارچە باكتېرىيىنى يېتىشتۈرۈۋاتقاندا ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن پېنسىلىن زەمبۇرۇغى سپورىـسى ئۆستۈرۈش قاچىسىغا چۈشۈپ قېلىپ ناھايىتى تېزلا كۆپەيگەن ھەمدە يېـشىل رەڭدىكى توچكا بولۇپ ئۆسكەن. بۇ توچكىلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىلەر ئۆلگەن، ھەتتـا «ئېـرىـپ» يوقالغان. بۇ، كىشىلەرنى تەبىئىي ھالدا پېنسىلىن زەمبۇرۇغى مەلۇم خىل كۈچلۈك بـاكـتېـرىيە ئۆلتۈرۈش ماددىسىنى ئاجراتقان، دېگەن ئويـغـا كـەلتـۈرگەن. ئون نەچچە يىلدىن كېيىن بۇ خىل ماددا − پېنسىلىن پاراشوكى ئايرىپ چىقـىلغـان. ئەينى چاغدا پېنسىلىننىڭ باھاسى ئالتۇندىن قىممەت بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن باكتېرىيە يوقىتىشتىكى ياخشى ياردەمچىگە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. بولۇپمۇ2 - دۇنـيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇ نۇرغۇن يارىدارلارنى مۆجىزە كەبى ساقـايتىپ، كىشىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدىكى دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان. ھازىر4000 خىلدىن ئارتۇق ئانتىبىئوتىك بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە100 خىلغا يېـقىنى داۋالاش ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلمەكتە. .ھەربىر خىل ئانتىبىئوتىكنىڭ «ئۆلتۈرۈش ئوبيـېـكـتـى»، دۈشـمـەن بىلەن جەڭ قىلىش قورالى ۋە تاكتىكىسى ئوخشاش بـولـمـايـدۇ. مـەسىلەن، پېنسىلىن مەخسۇس ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، زەنجىرسىمان شـار باكتېرىيە، ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارغا قارشى تـۇرىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى بۇ باكتېرىيىلەرنىڭ ھۈجەيرە دىۋارىنىڭ شەكىللـىـنـىـشـىـنـى توسۇش ئارقىلىق باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يېتىدۇ؛ سترېپتومىتـسـىـن ئاساسلىقى سىل تاياقچە باكتېرىيىسىگە قارشى تۇرىدۇ، ئۇنىـڭ تـاكـتـىكىـسـى ئاساسلىقى ھۈجەيرە ئاقسىلى ۋە يادرو كىسلاتاسىنىڭ بىرىكىشىگە كاشىلا قىلىشتۇر؛ ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئانتىبىئوتىكلار باكتېرىـيىـنىـڭ ھۈجـەيـرە پـلازمـا پەردىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق، ھۈجەيرە ئىچىدىكى مـاددىلارنـى ئېقىتىۋېتىش چارىسى بىلەن باكتېرىيە ئۆلتۈرىدۇ. ئانتىبىئوتىكلارنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دائىـرىسى باكتېرىيىگە قارشىلىق دائىرىسى دېيىلىدۇ. بىرنەچچە خىللا باكتېرىيىنى ئۆلتۈرۈش ئىقتـىـدارى بارلىرى تار دائىرىدىكى ئانتىبىئوتىكلار، بـاكتېرىيىنى كـەڭ دائىـرىـدە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى بارلىرى كـەڭ دائىرىلىك ئانتىبىئوتىكلار دېيىلىدۇ. ئانتىبىئوتىكلار ھەرگىزمۇ ھەممىگە قـادىـر ئەمەس، داۋالاش داۋامـىـدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس رولى ۋە ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئانتىبىئوتىكلار ئادەم بەدىنىگە قوشۇمچە تـەسىر كـۆرسىتىدۇ. شـۇڭـا، ئانتىبىئوتىكلارنى قارىغۇلارچە قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. دوخـتۇر دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن، قاراتمىلىق ھالدا ئىـشـلـىـتـىـش ھەمـدە بەلگىلەنگەن مىقدار ۋە ۋاقىتقا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىستېمال قىـلـىـش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايلا قالماي، ئانتىبىئوتىكلار ئادەم بەدىنىدىكى نورمال باكتېرىيە توپىنـى ئۆلتۈرۈۋېتىش سەۋەبىدىن داۋالاش ئىنتايىن قىيىن بولغـان «ئىـكـكـىـنـچـى قېتىملىق يۇقۇملىنىش» كېلىپ چىقىدۇ؛ ھەتتا كېسەللىك باكتېرىـيىلىرىدە دورىغا چىدامچانلىق پەيدا بولۇپ، نۇرغۇن ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋىي تەبابەت