يەككە كلون ئانتىتېلا − بىئولوگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد
زامانىۋىي تېبابەت
باكتېرىيە ياكى ۋىرۇس قاتارلىق ئانتىگېن دەپ ئاتالغـان مـاددىلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى B لىمفا ھۈجەيرىسىنى غىدىقلاپ، ئانتىتېلا دېگەن ماددىنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئانتىگېن بىلەن بىرىكىپ ئۇنىڭ رولىنى يوقىتىپ، ئادەم بەدىنىنـى زىـيانـغـا ئۇچراشتىن قوغدايدۇ. بىراق، B لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى قىـسـقىراق ۋە سانىمۇ چەكلىك بولغاچقا، ئالىملار B لىمفا ھۈجەيرىسى بىلـەن راك ھۈجەيرىسى (مەسىلەن، يىلىك ئۆسمىسى ھۈجەيرىسى)نى بىر ھۈجەيرە قىلىپ يۇغۇرۇپ، قـاچىغـا سېلىپ ئۆسـتۈردى. ئۇلارنىڭ «ئەۋلاد» ھۈجەيرىلىرى B لىمفا ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش ئانتىتېلا ھاسىل قىلسا، راك ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش توختىماي بۆلۈنۈپ ئۆسىدۇ. «كلون» ئىنگلىز تىلىدا جىنسسىز كۆپىيىش سىستېمىسى دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، ئېلىمىز بۇ خىل نوقۇل بىرىككەن ھۈجەيرە ھاسىل قىلغان ئانـتىتـېلانى يەككە كـلون ئانتىتېلا دەپ ئاتىدى.
يەككە كلون ئانتىتېلا تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز ئانتىتېلا بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىر ھۈجەيرىدىن كەلگەن بولغاچقا، ئىنـتـايىن ساپ كىلىدۇ. ھەربىر خىل يەككە كلون ئانتىتېلا خاتالاشماي مـەخـسـۇس بىر خىل مولېكۇلا، ھەتتا مەلۇم خىل مولېكۇلىدىكى مەلۇم قىسىمنى تونۇيدۇ. بۇنىڭ تېببىي ئىلىم ۋە ئىلىم - پەن تەتقىـقاتىدا مۇھىم پايدىسى بار.
يەككە كلون ئانتىتېلا ئۆزى مەسئۇل بولغان «ئوبيـېـكـت» نـى تـوغـرا تونۇيالايدىغانلىقى ھەمدە ئۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەيـدىـغانلىقـى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى «بىئولوگىيىلىك بـاشـقۇرۇلىدىغان سىنارەد» كە ئوخشىتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا كۆزىتىشكە قۇلايلىق بولغان بەلگە سالغىلى بولـسا مۇشۇ بەلگىنى «ئىز قوغلاش» ئارقىلىق بەدەن ئىچىدە ئۇنىڭ ئوبيېكتى بـار - يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلـغـىـلى ھەمـدە بـۇ ئوبـيېكـتـنـىـڭ قـانـداق جـايـغـا يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ، كېسەللىكلەرگە دىئاگنـوز قـويۇش ۋە ئىلىم - پەن تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
مۆلچەرلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، مەلۇم يىللاردىن كېيىن بىمارلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنى يەككە كلون ئانتىتېلا ئارقىلىق تەكشـۈرۈشكـە بولىدىكەن. ئەگەر دورىنى يەككە كلون ئانتىتېلاغا تېڭىپ «ئوق بـېـشـى» قىلغاندا، بۇ بىئولوگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغـان سىنارەد «ئوق بېشى» نـى خاتاسىز ھالدا بەلگىلەنگەن جايغا ئېـلىپ بـېرىپ، مەلۇم خىل ۋىرۇس ياكى راك ھۈجەيرىسىگە مـەخسۇس ھۇجۇم قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما ئەتراپتىكى ساغلام ھۈجەيرىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئالىملار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كېسەل دۋالاشنى تەجرىبە قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالسا دورىنىڭ رولىنى ئون نەچچە ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.