UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋىي تەبابەتئېلېكتروكاردىئوگرامما

ئېلېكتروكاردىئوگرامما

زامانىۋىي تېبابەت ئېنگېلس100 نەچچە يىل ئىلگىرىلا «يەر شارىدىكى ھەرقانداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ پەيدا بولۇشى، ئومۇمەن، ئۆزى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلېكتر ھادىسىسىنى نامايان قىلماي قالمايدۇ» دېگەنىدى. ئالىملار جانلىقلار ھۈجەيرىـسـىـدىـكـى ھەرقانـداق غـىـدىـقـلـىـنـىـش جەريانىنىڭ ئالدى بىلەن بىئو ئېلېكتردىكى ئۆزگىرىش بولۇپ ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. يۈرەك دالانچىسى بىلەن يۈرەك قېرىنچىسى توختىماستىن تەرتـىـپلـىـك، ماسلاشقان، بوشىشىش بىلەن قىسقىرىش ئۆزئارا ئالماشقان پائالىيەتنى ئىشلەيدۇ، ھەربىر يۈرەك سوقۇش دەۋرىيلىكـىـدە يـۈرەكـنـىـڭ ھەرقـايـسـى قىسىملىرى نۆۋەتلىشىپ قوزغىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ بىئو ئېلېكترىنىڭ ئۆزگىرىش يۆنىلىشى، يەتكۈزۈلۈش يولى، تەرتىپى ۋە داۋاملاشـقـان ۋاقـتـى قاتارلىقلاردا مۇئەييەن قانۇنىيەت بولىدۇ. بـۇ ئاجـىـز ھەم مـۇرەكـكـەپ بـىئو ئېلېكتر ئېقىمى ئەتراپتىكى توقۇلما ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىـڭ يـەتـكـۈزۈشـى ئارقىسىدا بەدەننىڭ سىرتقى قىسمىدا ئىپادىلىنىدۇ، كىشىلەر سەزگۈر ئەسۋابلارنى مۇئەييەن قىسىمغا قويۇش ئارقىلىق بۇ ئېلېكتر ئۆزگىرىـشىنى ئۆلچەپ ۋە خاتىرىلەپ، ئەگرى سىزىق ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ، مانا بـۇ ئېلېكتروكاردىئوگرامما دېيىلىدۇ. نورمال ئېلېكتروكاردىئوگرامما قانۇنىيەتلىك، دولقـۇنـسـىـمـان ئەگـرى سىزىق بولۇپ، ھەربىر دولقۇننىڭ مۇئەييەن ئېگىزلىكى، كەڭلىكى ۋە شەكلى بولىدۇ. يۈرەك رىتىمى قالايـمىقـانلىشىش، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، يۈرەك قېپى ياللۇغى كۆرۈلسە ياكى يۈرەك مەلۇم دورىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ. دوختۇر ئۆلچەش ۋە ھېسابلاش ئارقىلىق يۈرەك پائالىيىتىنىـڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ، كېسەللىكلەرگە دىئاگـنـوز قويۇشتىكى ئاساسلارنىڭ بىرى قىلىدۇ. ئېلېكتروكاردىئوگرامما بىلەن تەكشۈرگەندە ئېلېكتر قۇتۇپلـىـرى تـۆت مۈچە ۋە كۆكرەك قىسىمدىكى تېرە يۈزىگە ئورنىتىلىدۇ. يۈرەك ئېلېكترىنىـڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۆتكۈزگۈچى تۈگۈنلەرگە ئايرىلىدۇ. ئۆتكۈزگۈچى تۈگۈنلەر بولسا ئىككى ئېلېكتر قۇتۇپىنى ئادەم بەدىنىنـىـڭ يۈز قىسمىدىكى ئوخشـاشمىغان ئورۇنغا قويۇپ ھەمدە ئىككى قۇتۇپتىكى ئۆتكۈزگۈچ سىمنى ئېلېكتروكاردىئوگرامما ئاپپاراتى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ ھاسىل قىلىنغان بىر توك يولىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئېلېكتر قۇتۇپىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئوخشىمىغان ئۆتكۈزگۈچى تۈگۈننى ھاسىل قىلىدۇ. ھەربىر خىل ئۆتكۈزگۈچى تۈگۈن مۇئەييەن ئورۇندىكى يـۈرەك بىئو ئېلېكترىنىڭ سۈرىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئوخشىمىغـان ئۆتكۈزگۈچى تۈگۈن خاتىرىلىگەن سۈرەت ئوخشاش بولمايدۇ
← بارلىق تېمىلار زامانىۋىي تەبابەت