جىڭلو ۋە پەللە
زامانىۋىي تېبابەت
جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تېبابىتىدە جىڭلو ئادەم بەدىنى قۇرۇلمىسىنىڭ مـۇھىـم تەشكىلىي قىسمى، بەدەن ئىچىدە قاننـى يۈرۈشـتۈرىدىغان، ئىچكى ئەزالار بىلەن ئالاقە باغلايدىغان، سىرت بىلەن ئىچى ۋە يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى تۇتاشتۇرىدىغان، ئادەمنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ رولىنـى تەڭشەيدىغان يول دەپ قارىلىدۇ. پەللە جىڭلودىكى پـەۋقـۇلئاددە نـۇقـتىلار بولۇپ، ئۇ جىڭلودىكى ھاۋا بىلەن قان مەركەزلىشىدىغان ۋە يـۈرۈشـىـدىـغـان ئورۇن، شۇنداقلا جىڭلونىڭ تاشقى غىدىقلاشنى قوبۇل قىلىدىغان ئىنـكـاس نۇقتىسى.
جىڭلودىكى جىـڭ ئادەم بـەدىـنىدىكـى قـان بىلەن ھاۋا يۈرۈشىدىغان تىك يۈرۈشلۈك ئاساسىي غول لىنىيىنى، لو جىڭدىن بۆلۈنـۈپ چىقىپ پۈتۈن بەدەنگە تارالغان چـوڭ - كـىـچـىـك تـارمـاق تـومـۇرلارنـى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنىدە ئاساسلىقى12 دانە جىڭ تومـۇرى ۋە رىـنـدۇ ئىككى تومۇرى بار بولۇپ، بۇلار بىرلەشتۈرۈلۈپ14 تومۇر دېيىلىدۇ.12
جىڭ تومۇرىنىڭ ھەربىرى بىردىن ئىچكى ئەزاغا تـەۋە بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرى تەۋە بولغان ئەزانىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتىسى قـولـغـا تۇتىشىپ، قول ئالتە تومۇرى دېيىلىدۇ؛ ئالتىسى پۇتقا تۇتىشىپ پـۇت ئالتە تومۇرى دېيىلىدۇ. رېنمەي تومۇرى قـورسـاقـنـىـڭ دەل ئوتتۇرىدا، دۇمەي تومۇرى دۈمبىنىڭ دەل ئوتتۇرىدا بولىدۇ.
جىڭلو تەلىماتى جۇڭگو تېبابىتـىـدە كېسەللىككە دىئاگـنـوز قـويـۇش، بىمارنى داۋالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئادەم بەدىنىـدە جىڭ تومۇرلار راۋان، قـان بىلەن ھاۋا تەڭشەلگەن بولسا پۈتۈن بـەدەنـگـە قـۇۋۋەت تولۇپ ئۆسـۈپ يېتىلىشكە پايدىلىق بولىدۇ، نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدار ساقلىنىدۇ، بەدەن ساغلام بولىدۇ. ئەگەر جىڭ تومۇرى راۋان بولمىسا ھاۋا بىـلـەن قـان پائالىيىتى تەڭپۇڭسىزلىنىپ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.
ئەگەر تاشقى مۇھىتتىكى ئىسسىق - سوغۇق ھاۋا مەلۇم جىڭ تومۇرىغا تەسىر كۆرسەتسە ئۇنىڭ ھەرىكىتى توسـالـغـۇغـا ئۇچـراپ، جىڭ تومۇرى تۇتىشىدىغان ئىچكى ئەزالاردا كېسەللىك كۆرۈلىدۇ. شۇنىـڭ بىلەن بىللە يەنە مەلۇم ئەزادا كـېـسەلـلـىـك بولسا مـۇشـۇ جىڭـلودىكى مۇناسىۋەتلىك پەللىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، قۇرۇق يىڭنە سانـجـىـش، داغلاش ياكى قۇۋۋەتلەش ۋە سۈرگۈزۈش ئارقىلىق جىڭ تومۇرىنى ئېـچـىپ كېسەللىكنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بىز ئادەتتە ئىشلەيـدىـغـان كۆزنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش گىمناستىكىسىدا تاللانغان پەللىلەردىن «جىڭمىڭ» پەللىسى زۇتەيياڭ دوۋسۇن جىڭىغا، «فىڭچى» پەللىسى زۇشياۋياڭ ئۆت جىڭىغـا، «تـەيـيـاڭ» ۋە «يىفىڭ» پەللىلىرى شياۋياڭ سەنجاۋجىڭىغا تەۋە