UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋىي تەبابەتقان تەكشۈرۈش ۋە تولۇق سىگنال نەزەرىيىسى

قان تەكشۈرۈش ۋە تولۇق سىگنال نەزەرىيىسى

زامانىۋىي تېبابەت قاندا ھاياتلىققا دائىر كۆپ خىل ئۇچۇرلار بولغانلـىـقـى ئۈچۈن، بىر تامچە قاننى خىمىيىلىك ئانالىز قىلىپلا بەدەندىكى كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. بۇ، جانلىـقلاردىكى تـولـۇق سىگنال ھادىسىسىنىڭ تىپىك مىسالى. قۇلاققا يىڭنە سـانـجـىـپ داۋالاش ئۇسۇلىمۇ مۇشۇ ھادىسىگە ئاساسەن كەشىپ قىلىنغـان. قـۇلاق بـەئەيـنـى ھامىلىنىڭ ئانا قورسىقىدىكى شەكلىگە ئوخشايـدىغان بولغاچقا، ئۇنـى ئادەم تـېـنـىـنـىـڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەگـەر قـۇلاقـنىڭ مەلۇم قىسمىدا ئاغرىق نۇقتىسى ياكى كىچىك تۈگۈنچىلىرىنىڭ بىنورمال ئۆزگىرىـشى بايقالسا، ئاشۇ ئۆزگەرگەن قىسىمغا يىڭنە سانجىش ياكى يىڭـنـە كـۆمـۈش ئارقىلىق بەدەننىڭ مۇناسىپ قىسمى ياكى ئىچكى ئەزالاردىكى كېـسەللىك ئۆزگىرىشىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. جۇڭيى تېبابىتى نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئادەم بەدىـنـىـدە تـولـۇق سىگنال ھادىسىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقاپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقـانـداق بىر نىسپىي مۇستەقىل قىسىم، مەسىلـەن، ھەربىر بوغۇم، ھەربـىـر ئەزادا پۈتكۈل ئورگانىزمنىڭ تولۇق سىگنالى يوشۇرۇنغان بولىدۇ، دەپ قـارىـغـانىدى. بۇ، نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلىنىپلا قالماي، دىئاگنوز قويۇش، داۋالاشقىمۇ تەتبىقلىنىپ، تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتـقان كـۆرۈش، پۇراش، سوراش، تومۇر تۇتۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش جۇڭيىچە دىئاگـنوز قويۇش ئۇسۇللىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. بىراق، بىئولوگىيىنىڭ يېڭى تارمىقى بولغان تولۇق سىگنال بىئولوگىيىسى80 - يىللاردىلا ئاندىن بارلىققا كەلدى. جانلىقلاردىكى تولۇق سىگنال قانۇنىيىتى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، جانـلـىـقلار تېنىدىكى ھەربىر نىسپىي مۇستەقىل قىسىمنىڭ خىمىـيـىلىك تـەركىب ئەندىزىسى ئومۇمىي گەۋدىنىڭكى بىلەن ئوخـشاش بـولـىـدۇ، ئۇ ئومـۇمـىـي گەۋدە نىسبىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن تەسۋىرى. جانلىقلار تېنىدە رولى يـاكى قۇرۇلمىسى ئەتراپىدىكى قىسىـملاردىـن روشـەن پـاسـىـل ئايـرىـپ تـۇرغـان نىسپىي مۇستەقىل قىسىم تولۇق سىگنال بۆلىـكـى دېيىلىدۇ. تـولۇق سىگنال قانۇنىيىتى جانلىقلار دۇنياسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى تـەبـىئەت دۇنياسى ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيىتـى. مـەسىـلەن، جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگەن شەھەر، يېزا - كەنت، زاۋۇت، مەكتەپ، ئائىلـە قاتارلىق بىرلىكلەرنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتنىڭ بىر تولۇق سىگنال بـۆلىكى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ يىغىنچاقلانغان كارتىنىسى ھېسابلىنىـدۇ. ئۇلار ئۇچـۇر ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ تولۇق قىياپىتىنـى، ئىـجـتـىـمـائىـي تەرەققىياتنىڭ تارىخىي مۇساپىسى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتـۈرۈپ بېرىدۇ. تولۇق سىگنال نەزەرىيىسى ماددىي دۇنيانىڭ تولۇق سىگنال قانۇنىيىتـى ھەمدە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىـدىـغـان پـەن. تـولـۇق سـىـگـنـال نەزەرىيىسىدە بارلىق ماددا سىستېمىسى تولۇق سـىگـنـال سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى، تولۇق سىگنال سىستېمىسى ماددا سىستېمـىـسـىـنـى شـەكـىـل، ئۇچۇرنى مەزمۇن ئۇقۇمى قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ ماددا سىستېمىسى بىلەن باغلىنىشـلـىـق ھەم پەرقلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. ئوخشىمىغان تولۇق سىگنال سىستېـمـىـسـىـدا خاتىرىلەنگەن ئالەمنىڭ تۈرلۈك ئوخشىمـىـغـان ئۇچـۇرلـىـرى ئازدۇر-كۆپتۇر پەرقلـىق بـولـىدۇ، دېـمـەك، ئۇلار ئوخـشـىمىغان ئۇچـۇر قۇرۇلمىسىغا ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە تولۇق سىگنال سىـسـتـېـمـىـسـى تـولـۇق سىگنالنى قوبۇل قىلىدىغان، خاتىرىلەيدىغان ياكى ساقلايدىغان سىستېما بولۇپلا قالماي يەنە تولۇق سىگنالنى يوللايدىغان سىستېمىدۇر. تولۇق سىگنال نەزەرىيىسى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئارىلىق پـەن بولۇپ، ئۇنـىـڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى مۇھىم نەزەرىيىۋى ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكـە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋىي تەبابەت
قان تەكشۈرۈش ۋە تولۇق سىگنال نەزەرىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki