UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋىي تەبابەتئىچكى ئەزالارنى تەكشۈرىدىغان تالالىـق ئىچكى كۆزىتىش ئەينىكى

ئىچكى ئەزالارنى تەكشۈرىدىغان تالالىـق ئىچكى كۆزىتىش ئەينىكى

زامانىۋىي تېبابەت 100 نەچچە يىل ئىلگىرى كۇسمور ئىسىملىك بىر مېدىتسىنا ئالىمى دۇنيا بويىچە تۇنجى قاتتىق نەيچىلىك ئاشقازان ئەينىكىنى سىناق تەرىقىسىدە يـاساپ چىققان. ئەينى چاغدا ياخشى نۇر مەنبەسـى ۋە ھاۋا يەتكۈزۈش ئۈسـكـۈنـىـسـى بولمىغاچقا، ئاشقازاننى كېرىپ ئېنىق كۆرگىلى بولمىغانلىقتىن مەغلۇبىيەتـكـە ئۇچرىغانىدى. بىراق، كۇسمورنىڭ ئويى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ ئۈزلۈكسـىـز تەتقىق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ،50 نەچچە يىل ئىلگىرى گېرمانىيىدە رەڭ قەۋىتى بولمىغان كۋارتس ئەينەك تالاسىدىن پايدىلىنپ دۇنيا بويىچە تۇنـجى ئوپتىك تالالىق ئاشقازان ئەينىكى ياساپ چىقىلدى. ھازىر بۇ ئـوپتىك تالالىق ئاشقازان ئەينىكى ئارقىلىق1 مىللىمېتىر چوڭ - كىچىكلىكتىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئېنىـق كۆرگىلى بولۇپلا قالماستىن، بوشلۇق ئىچىدە رەڭلىك سۈرەت تارتقىـلـى ۋە توقۇلما ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئوپتىك تالالىق ئاشقازان ئەينىكىدىن بـاشقا دۇنيادا يەنە ئوپتىك تـالانـىـڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ قىزىلئۆڭگەچ ئەينىكى، ئون ئىـكـكـى بـارمـاق ئۈچەي ئەينىكى، ئىنچىكە ئۈچەي ئەينىكى، چوڭ ئۈچەي ئەينىكى، كاناي ئەينىكى، دوۋسۇن ئەينىكى، قورساق بوشلۇقى ئەينىكى قاتارلىقلار ياسـاپ چىقىلدى. يۈرەك ئەينىكى، بۆرەك جامى ئەينىكى، مېڭە ئەينىـكـى، ئومـۇرتـقـا ئەينىكى قاتارلىقلار سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىلماقتا. ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاشقازان ئەينىكى قاتارلىق ئىچكى كۆزىتىش ئەينەكلىرى بارغانسېرى ئىلغارلاشماقتا. مـەسىلەن، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلىق تەكشۈرۈش بېشى ئاشقازان ئەينىكىنىڭ ئۇچى قىسمىغا ئورنىتىلسا ئاشقازان ۋە ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ يۈز قىسمىـنـى كۆرگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ دەخلى يەتكـۈزۈش چوڭقۇرلۇقىنى تەكشۈرگىلى، ئۆسمىنىڭ تارىلىش دائىرىسىنى مۆلچەرلىگىلـى، شۇنداقلا قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق يۈرەكنىڭ بەزى ئەھۋاللىرىنـى تـەكـشـۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. بىر خىل ئاشقازان ئەينىكى بار بولۇپ، ئۇ35 ھەسـسـە چوڭايتالايدىغان بولغاچقا، شىللىق پەردىدىكى ناھايىتى كىچىك ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئەينەن كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. يەنە بىر خىل كۋارتس تالا باغلىمى ئۇلانغان ئاشقازان ئەينىكى بار بولۇپ، لازېر نۇرىنى ئاشقازان ئەينىكىگە ئۆتكۈزۈپ، قان توختىتىش ۋە مونچاق گۆشنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسـى ئىـشلىگىلى بولىدۇ. تېخىمۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ئاشقازان ئەينىكى ئادەم بـەدىنىگە كىرگۈزگىلى بولىدىغان مىكرو تىپلىق تېلېۋىزورلۇق سـىـنئالـغـۇ ئاپپاراتى بولۇپ، ھەزىم قىلىش يولى ئىچىدە ئالغان سۈرەتلەرنـى ئېـلـېـكـتـر سىمى ئارقىلىق چىقىرىپ بېرىدۇ، كومپيۇتېر ئۇنى بىر تەرەپ قىـلـغـانـدىـن كېيىن ئېكراندا رەڭلىك سۈرەت ھاسىل بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋىي تەبابەت
ئىچكى ئەزالارنى تەكشۈرىدىغان تالالىـق ئىچكى كۆزىتىش ئەينىكى | UyghurWiki | UyghurWiki