ئۇۋۇلاش
زامانىۋىي تېبابەت
ئۇۋۇلاش جۇڭگو تېبابىتىدە كېسەللىكنى داۋالاشتىكى بىر خىل ئۇسـۇل. ئادەم بىر كۈنلۈك ئەمگەك ياكى ھەرىكەتتىن كېيىن بـەللىرىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا بىرەر ئادەم غولىڭىزغا بوش مۇشتلاپ، مۈرىڭىزنى ئۇۋۇلاپ قويسا يەڭگىللەپ قالغانلىقىڭىزنى ھېـس قىلىسىز، بۇنىڭ بىلەن چارچاش ۋە ئاغرىقلارمۇ يېنىكلەيدۇ، ھەتتـا يوقايدۇ. غولغا ئۇرۇش ۋە مۈرىنى ئۇۋۇلاش ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئادەمنىڭ مەلۇم قىسىملىرى بېسىم كۈچى، سۈركىلىش كۈچى ۋە تەۋرىتىش كۈچىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىگە ئۇچراپ بەدەننىڭ ئىـچىدە فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ - دە، بۇ ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بـولىدۇ. ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئۇسۇلى ئاددىي، تېجەشلىك، بىخەتەر بولۇپ، دائىم كۆرۈلىدىغـان بەزى كېسەللىكلەرگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇۋۇلاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىـرى سـىيـرىـش، بـېـسىش، ئۇۋۇلاش، يېنىك چېكىش ۋە چىمداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالـىـدۇ. بـۇ ئۇسـۇللار ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلارنىڭ قىسمەن دائىرىسىدىكى قىل قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، لىمفا ۋە قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئادەمنىڭ قـارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە نېرۋا سىستېمىسىغـا تـەسىر كۆرسىتىپ، غىدىقلىنىش ۋە تىزگىنلىنىش جەريانىنى نـىـسـپىـي تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ئادەمنىـڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۇۋۇلاپ داۋالاشنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ كۆپىنچە بەل - پۇت ئاغرىقى، مۇسكۇل تارىمۇشى زەخىملىنىش، قول - پۇت قايرىلىپ كېتىش، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش، ئوزۇقلۇق ناچار بولۇش قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. بىراق، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى، تېرە كېسەللىكى ۋە جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكى بار بىمارلارغا ئىشلىتىشكە باب كەلمەيدۇ.