UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋىي تەبابەتB تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا دىئاگنوز قويۇش ئەسۋابى

B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا دىئاگنوز قويۇش ئەسۋابى

زامانىۋىي تېبابەت ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى يۇقىرىلىغانسېرى يۆنىلىشچانلىقىمۇ كۈچىيىدۇ. ئادەتتە دىئاگنوز قويۇشتا (سېكۇنت/2 ~3 مېگا قېتىم) لۇق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز دولـقـۇنـى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن مۇئەييەن يۆنىلىشنى بويلاپ تارقىلىدىغان، ئوخشىمىغان توقۇلمىلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىـدە سۇنىدىغان ۋە قايتىدىغان ھەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۈمۈرۈلۈش ۋە ئاجىزلىشىش بـولىدىغان بولغاچقا، كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ۋە دولقۇن تىپى ئوخشاش بولمىغان قايتقان دولقۇنغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، يىغىلما سۇ، خالتىلىق ئىششىق قاتارلىق تارقىلىشى تەكشى بولىدىغان توقۇلمىلاردا ئۇنىڭ ئاجىزلىشىشى كىچىكرەك بولىدۇ؛ جىگەر، سۆڭەك ۋە ئۆسمە قاتارلىـق تارقىلىشى تەكشى بولمايدىغان توقۇلمىلاردا ئۇ كۆپلەپ سۈمۈرۈلۈپ روشەن ئاجىزلايدۇ. توقۇلما ۋە ئەزالاردا تۈرلۈك كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلگـەندە ئۇنىڭ تارقىلىشى، زىچلىق دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلىرىـدە ئوخشىمىغان ئەھۋال ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئېكراندا ئەكس ئەتتۈرگەن قايتقان دولقۇننىڭ دولقۇن تىپى ۋە كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا ئاساسەن توقۇلما قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشكە ھۆكۈم قىلىپ، كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى قـىـيـاس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش، جىگەر راكى، قورساققا سۇ يىغىلىش ھەمدە ئۆسمىنىڭ خاراكتېرىگـە ھۆكۈم قىلىشتا بەلگىلىك ياردىمى بار. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىمۇ خۇددى نۇر دولقۇنىغا ئوخـشاش ئوخـشىمىغان ماددىلار ئارىسىدىكى پاسىلغا ئۇچرىغاندا قايتىدىغان بولغاچقا، قايتقان دولقۇننىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى پەرقىدىن پايدىلىنىپ ئىچكى ئەزالارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئورنى، دائىرىسى قاتارلىقلارنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇڭا، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا دىئاگنوز قويۇش ئەسۋابى ئارقىلىق جىگەر، تال، بۆرەك، يۈرەك، ئۆت خالتىسى، بالىياتقۇ ۋە ئۆسمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ئورنى قاتارلىقلار تەكشۈرۈلىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا دىئاگنوز قويۇش ئەسۋابىنىڭ تۈرى ئىنتايـىن كۆپ بولۇپ، ھازىر ئېلىمىزدە A ۋە B تىپلىقى ئەڭ كـەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. A تىپلىقى پەقەت دولقۇن تىپىنىلا كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، دوخـتـۇر بۇ ئارقىلىق قايتقان دولقۇننىڭ تەۋرىنىش دائىرىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، قايتقان دولقۇننىڭ ئاز - كۆپلۈكى ۋە دولقۇن شەكلىنى بىلەلەيدۇ. B تىپلىقى ئىچكى ئەزالارنىڭ سۈرىتىنى ئېكرانغا ئېـنـىـق چىقىرىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ھەر خىل ئاپتوماتىك ئۆلچەش ۋە خاتىـرىلەش رولى بار. يېقىنقى يىللاردا يەنە تېخىمۇ ئىلغار بولغان M ۋە D تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا دىئاگنوز قويۇش ئەسۋابلىرى كۈنسايىن ئومـۇملاشقان بولۇپ، دوختۇرلار ئېكراندىن سۈزۈك ھەم رەڭلىك ھەرىكەتچان سۈرەتنى كۆرەلەيدىغان ھەمـدە ئۇنى رەسىمگە ئالالايدىغان، توقۇلمىدىـكـى ئىنچىكـە ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتەلەيدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋىي تەبابەت
B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا دىئاگنوز قويۇش ئەسۋابى | UyghurWiki | UyghurWiki