UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋىي تەبابەتكۆزقارىشى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى

كۆزقارىشى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى

زامانىۋىي تېبابەت كېسەللىكلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مـەقـسـەت قـىـلـغـان تېببىي تەتقىقات ۋە تەدبىرلەر ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسـى دېيىلىدۇ. ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى ھازىرقى زامان تېببىي ئىـلـمىنىڭ مـۇھىـم تەشكىلىي قىسمى. ئىلگىرىكى ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسىـدا ئاساسـلـىـقـى يـۇقـۇمـلـۇق كېسەللىكلەر ئىلمىگە دائىر تەكشۈرۈش ۋە كېسەللىك سەۋەبى، كېسـەلـلىـك پەيدا قىلغۇچىلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، كىشىلەرنىڭ ئالـدىـنـى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالـدىــنـى ئېـلـىـشـىـغـا يېتەكچىلىك قىلىناتتى. كۆپىنچە خىزمەت يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە يـەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەركەزلەشكەن بولغاچقا، مەلۇم مەنىدىن پاسسىپ مۇداپىئە كۆرۈش خاراكتېرىنى ئالغانىدى. ھازىرقى زامان ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى كىشىلەرنىڭ سالامەتلـىـك ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىنى مۆلچەرلەپ، يېمەك - ئىچـمـەك، تـۇرمـۇش ئۇسـۇلى، تەنتەربىيە چېنىقىشى ياكى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك داۋالاش قـاتـارلـىـق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، كېسەللىكلەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېـلىـشقا قۇلايلىق يارىتىدۇ. مەسىلەن، ئالىملار يۇقىرى قان بېسىمى، تـاجـسىمان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىـپ ئالدىن بايقاپ، ئاندىن ھەربىر ئادەمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسەن بـۇ ئادەمدە قانچىلىك ۋاقىتتا يۇقىرى قان بېسىمى، تاجـسىمان يـۈرەك كېسەللىكىنىڭ كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكىنى مۆلچەرلـەيدۇ ھەمـدە بىمارنـىـڭ مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىـشـىـغـا يـاكـى كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىيـاتـىـغـا ئەگـىـشـىـپ، ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى يېپيېڭى باسقۇچقا كىردى. كىشىلـەر يـۇقـىـرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسەللىكى، مېڭە قان تـومـۇر كـېـسـەللىكى، يـاشلاردىـكـى دىئابىت ۋە ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلـەن مـۇنـاسـىۋەتلىـك ئىرسىيەت گېنلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇنداق بولغانـدا ئازراق قـان ئېلىپ گېننى تەكشۈرۈش ئارقىلىقلا، شۇ ئادەمدە مەلـۇم كـېـسـەللىككە ئاسـان گىرىپتار بولۇش گېنى بار - يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىـدۇ. ئانـدىـن ھەربـىـر ئادەمنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىـغـان يـېـمەك - ئىچمەك، ھەرىكەت، تۇرمۇش ۋە داۋالىنىش تەكلىپ لايىـھـىـسـى تـۈزۈلـۈپ، ئۇنىڭ مۇشۇ كېسەللىك پەيدا قىلىش گېنلىـرى بـار تـۇرۇقـلـۇقـمـۇ سـاغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىلىدۇ. بۇ خىل بەدەنـگـە قـاراپ تون پىچىدىغان «تىككۈچى شەكلىدىكى ئالدىنى ئېلىش مېـدىـتـسـىـنـاسـى» دوختۇرلار ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىـش بولۇپ، بـۇنىڭ ئەمـەلـگـە ئېشىش مۇمكىنچىلىكى بارلىققا كەلدى.10 ياكى15 يىلدىن كېيىن ئالىملار ئادەم بەدىنىدىكى گېننىڭ بارلىق سىرلىرىنى ئېنىقلاپ چىقالايدۇ. شـۇ چاغدا بۇ خىل ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىيـدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋىي تەبابەت