ئېلېكترون مېڭىلىق دوختۇر
زامانىۋىي تېبابەت
ئېلېكترون مېڭىلىق دوختۇر «ماشىنا ئادەمنىڭ شاھـمـات ئويـنـىـشـى» قائىدىسى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىـشـىـدۇ. ئالـىـملار دوخـتـۇرلار بـىـلـىـشـكـە تېگىشلىك بولغان بەزى ئەھۋاللار، مەسىلەن، بىمارنىڭ ئەھۋالى، تۈرلۈك تەكشۈرۈش، خىمىـيـىلىـك ئانالىز نەتىجىسـى ھەمـدە دوخـتـۇرنـىـڭ بـۇ ئەھۋاللار ۋە نەتـىجـىلـەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان خۇلاسىسى، تەھلىلى، دىئاگـنـوزى ۋە داۋالاش لايىھـىـسىنى تـۈزۈشـتىـكى مـۇلاھىـزە جەريانى قـاتارلىقلارنى پروگراممىلاشتۇرۇپ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ قويىدۇ، مانا بۇ ئېلېكترون مېڭىلـىـق دوختۇردۇر. ئۇنىڭ كېسەل كۆرۈشى تېز بولۇپلا قالماستىن، «پوزىتسىيىسى مۇلايىم»، «ھەرقانچە سورىسىمۇ تېرىكمەيدۇ»، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەر خىل كېسەللىكلەرگە «پىششىق» بولغان ھەممىگە قادىر دوختۇردۇر. ئۇنىڭ دىئاگـنوز قويۇش، داۋالاش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنـلـىـكـى «ئۆزىـگـە بـاغـلـىـق ئەمەس»، بۇنىڭدا پروگرامما تۈزۈلۈشىنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا قاراشقا توغـرا كېلىدۇ.
ئېلىمىزدىكى بەزى دوختۇرخانىلار مەشھۇر جۇڭگو تېبابىتى بويىچە دىئاگنوز قويۇش تەسەۋۋۇرى ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىنى پروگرامما قىلىـپ تـۈزۈپ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ قويغان بولغاچقا، بۇ ئېلېكترون مېڭىلىق دوختۇرلار بىمارلارنىڭ كېسىلىنى كۆرەلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنى مېدىتسىنا مەكـتەپلىرىنىـڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇ ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىلـىـرىـگـە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك سىناق.
چەت ئەللەردىكى بەزى دوختۇرخانىلاردا ھەربىر بىمارنىـڭ مـەخـسـۇس نومۇرى بولۇپ، بىمار نومۇر ئالغانـدىـن تارتىـپ كومـپـيـۇتـېـر بـىر يـۈرۈش مۇلازىمەتنى باشلىۋېتىدۇ. يەنى، كومپيۇتېر ئالدى بىـلـەن بـۇ بـىـمـارنـىـڭ كـېـسـەللىك تارىخىنى تېپىپ چىقىپ، دوختۇرنىڭ ئۈستىلىدىكى تېرمـىـنـال ئارقـىـلـىـق دوختۇرنى بىلمەكچى بولغان ئەھۋاللار بىلەن تەمىنلەيـدۇ؛ دوخـتـۇرنـىـڭ تاپىلىغىنى بويىچە بىمارنىڭ قان، كىچىك تەرەت قاتارلىق خىمىـيىلىك ئانالىز ئەۋرىشكىلىرىنى ھەرقايسى بۆلۈملەرگە ئەۋەتىـپ بـېرىدۇ؛ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى يىغىۋالىدۇ، ھەتتـا ئالدىنـقـى ھەر قـېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى بىلەن سېلىشتـۇرۇپ دىئاگـنـوز قـويۇشتا پايدىلىنىش پىكرى ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تـەكـشـۈرۈش ھەمـدە داۋالاش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قـويىـدۇ؛ دوخـتـۇر دىئاگنوز قـويـۇپ داۋالىغاندىن كېيىن، داۋالاش خىراجىتىنى ھېسابلاش قاتارلىق بىـر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. بىمارنىڭ كېسىلىنى بىۋاسىتە كۆرۈۋاتقىنى گەرچە دوختۇر بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي «ئالىي مەسلىھەتچى» لىكـنـى ئۈستىگە ئالغىنى كـومپـيـۇتېر بولۇپ، ئۇ يەنە نۇرغۇن سېسترا ۋە بوغالتىر خادىملـىرىنىڭ خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. ئالىملار ھامان بىر كۈنى ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە قارىتا ئائىلىدە ئولتۇرۇپلا «كومپيۇتېر دوختۇر» ئارقىلىق ئۆز - ئۆزىـگـە دىئاگنوز قويغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەرمەكتە.