ئوكۇل سېلىش − دورا كىرگۈزۈشنىڭ تېز يولى
زامانىۋىي تېبابەت
ئوكۇل سېلىش تېرە ئىچى، تېرە ئاستى، مۇسـكۇل ۋە ۋېناغا ئوكۇل سېلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل بولۇپ، ئوخشىمىغان ئەھۋال ۋە مەقسەتكە ئاساسەن قوللىنىلىدۇ.
دائىم ئۇچرايدىغىنى مۇسكۇلغا ئوكۇل سېلىش بىلەن تېرە ئاستىغا ئوكۇل سېلىشتىن ئىبارەت. دورىنىڭ رولىنى تېزراق كۆرۈش مەقسەت قىلىنغان، ياكى دورىنى ئاغزىدىن ئىستېـمـال قىلىشقا بولمايدىغان، ۋە ياكى بىمار ئاغزىدىن دورا يۇتالمايدىغان ئەھۋالدا بۇ ئىككى خىل ئوكۇل سېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىـدە غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك، تېرە ئاستىدا سۈمۈرۈلۈشى ئاستا ھەمدە ئاغرىق ۋە غىدىقلاش پەيدا قىلىدىغان دورىلار مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنىدۇ. مـۇداپـىئە دورىلىرى تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىنىدۇ. مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىشتا ئۈستۈنكى بىلەكنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى ئۈچ بۇرجەك مۇسكۇل ياكى كاسىدىن تۆتتىن بىر ئۈلۈش يىراقلىقتىكى قېلىنراق مۇسكۇل ھەمدە نېرۋا، چوڭ قان تومۇر ۋە سۆڭەككە تەگمەيدىغان جاي تاللىنىدۇ. تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىشتا كۆپىنچە ئۈچ بۇرجەك مۇسكۇل قىسمى تاللىنىدۇ. مۇسكۇلغا ئۇرۇلىدىغان ئوكۇل يىڭنىسى تۈز سانجىلىپ، مۇسكۇلغىچە كىرگۈزۈلىدۇ؛ تېرە ئاستىغا ئۇرۇلىدىغان ئوكۇل يىڭنىسى تېرە بىلەن °30 ~°45 لۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىنىپ تېيىزراق سانجىلىدۇ.
ئوكۇل سالدۇرغاندا يىڭنىنىڭ سۇنۇپ كېتىشى قاتارلىق ھادىسلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جىددىيلەشمەسلىك ياكى قالايمىقان مىدىرلىماسلىق كېرەك. تېرە ئاستى ياكى مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن دېزىنفېكسىيە پاختىسى بىلەن بوش بېسىپ ئۇۋۇلاش، ئەگـەر تۈگۈنەك، ئىششىق پەيدا بولسا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش لازىم. يۇقۇملىنىـشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قول بىلەن تاتىلىماسلىق كېرەك.
ئومۇمەن، دورا ئۈنۈمىنى تېزلەتمەكـچـى بـولـغانـدا ياكى دورىنىڭ غىدىقلاشچانلىقى بەك كۈچلۈك بولۇپ مۇسكۇلدىن ئوكۇل قىلىشقا ماس كەلمەي ۋېنادىن بېرىشكە توغرا كەلگەندە، ۋېنادىن ئوكۇل قىلىنىدۇ. ۋېنادىن ئوكۇل قىلىشتا يىڭنە بىۋاسىتە ۋېناغا سانجىلىپ دورا سۇيۇقلۇقى ياكى ئوكۇل سۇيۇقلۇقى كىرگۈزۈلىدۇ. يىڭنە تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن دېزىنفېكسىيە پاختىسى بىلەن بىرئاز بېسىپ تۇرۇلىدۇ، لېكىن ئۇۋۇلاشقا بولمايدۇ.
تېرە ئىچىگە ئوكۇل قىلىش دېگىنىمىز يىڭنىنى ئالدىنقى بىلەك قاتارلىـق جايلاردىكى ئۈستۈنكى تېرە قەۋىتى بىلەن ھەقىقىي تېرە ئارىسىغا يانتۇ سانجىپ، ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى كىرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئوكۇل قىلىنغاندىن كېيىن تېرىدە كىچىككىنە تۈگۈنەك تومپىيىپ چىقىدۇ. پېنسىلىن ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى سىناق ئوكۇلى ئۇرۇشتا تېرە ئىچىگە ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئاز مىقداردىكى سىناق دورا سۇيۇقلۇقى ئالدىنقـى بىلەك تېرىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرگۈزۈلىدۇ. دورا سۇيۇقلۇقى تېرە ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا، سۈمۈرۈلۈشى ئاستىراق بولىدۇ، زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى كېلىپ چىققان تەقدىردىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت يۈز بەرمەيدۇ. تېرە ئىچىگە ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلى يەنە مۇداپىئە ئوكۇلى سېلىشتىمۇ ئىـشلىتىلىپ، ئادەتتە ئۈستۈنكى بىلەكنىڭ سىرتقى يېـنىدىكى تېرە ئىچىگە ئوكۇل قىلىنىدۇ. تېرە ئىچىگە ئوكۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئوكۇل قىلىنغان قىسىمنـى سىلىماسلىق، تاتىلىماسلىق كېرەك. تېبابەتتە يەنە ئېھتىياجغا ئاساسەن، پەللىگە ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، بەزى پەۋقۇلئاددە ئورۇنلارغا ئوكۇل سېلىنىدۇ.