تۆت خىل دىئاگنوز
زامانىۋىي تېبابەت
جۇڭگو تېبابىتىدە كېسەل كۆرۈشتە تىڭشىغۇچ ئىشلەتمەيدۇ، خىمىيىلـىـك ئانالىز ۋە تەكشۈرۈشلەرنى ئىشلىمەيدۇ، پەقەت كـۆرۈش، سـوراش، ئاڭلاش، پـۇراش ۋە ئۈچ بارمىقى بىلەن تومۇر تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىنلا پايدىلىنىـدۇ، جـۇڭـيـى تېبابىتىدە بۇ «تۆت خىل دىئاگنوز» قويۇش دېيىلىدۇ.
كۆرۈپ دىئاگنۇز قويۇش دېگەندە دوختۇرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق بىمارنىڭ رەڭگـىرويى، قىياپىتى، تىل گېزى ۋە چوڭ - كىچىك تەرىتى قاتارلىقلارنـى كۆزىتىپ، بەدەندىكى ئۆزگىرىش ۋە كېسەللىك ئەھۋالىغـا ھۆكـۈم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن كۆزىتىش جۇڭيى تېبابىتىنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كېـسەللىك ئۆزگىرىشى بولغاندا بەدەن سىرتىدا ئىپادىلىنىپ بـەزى بىنورمال ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ، دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، بىمارنىڭ تىل گېزىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تىل ۋە تىل گېزىدىكى ئۆزگىرىـشلەردىن تال بىلەن ئاشقازان رولىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى پەرقلەنـدۈرىدۇ. تىل سۇس قىزىل بولسا نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ تىل گېزى نـېپىز ھەم سىلىق بولسا نورمال، قېلىن بولسا بىنورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
سوراپ دىئاگنوز قويۇش ئاڭلاش ۋە پۇراشتىن ئىبارەت ئىككى قـىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دوختۇر بۇنىڭدا ئاساسلىقـى ئاڭلاش سـېزىمى ئارقىلىق بىماردىكى تۈرلۈك ئاۋاز ئۆزگىرىشلىرىنى ئاڭلايدۇ ھەمدە بۇرنى ئارقىلىق بىمارنىڭ تېنىدىن چىققان ماددا ۋە ئاجراتمىلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرايدۇ. بىمارنىڭ ئاۋازىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئاساسلىقى گەپ - سۆز، نەپەس، يـۆتەل قاتارلىقلار بار؛ پۇراق ئاساسلىقى ئېغىز پۇرىقى ۋە تەر پۇرىقى قاتارلىقلارنـى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سوراپ دىئاگـنوز قـويـۇش «تـۆت خـىل دىئاگنوز قويۇش» نـىـڭ ئاچقۇچى بولۇپ، ئومۇمەن كۆرۈش، ئاڭلاش، تـۇتـۇش ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارنى سوراش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا دوختۇر بىمارنىڭ ھېس قىلغان ئاغرىقى، كېسەل بولغان ۋاقتى، تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىش جەريانى ھەمدە داۋالىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى سورايدۇ.
تۇتۇپ دىئاگنۇز قويۇش دېگەندە، دوختـۇر بىمارنىڭ بەدىنىنىڭ بەلگىلىك قىسمىنى تۇتۇش، بېسىش ۋە چېكىش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى بەدەننىڭ ئىنكاسىنى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاساسەن تومۇر تۇتـۇش بىلەن بېسىپ تەكشۈرۈش ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. تومۇر تۇتۇشـتـا دوخـتـۇر بىگىز بارماق، ئوتتۇرا بارماق ۋە نامسىز بارماقنـىـڭ ئۇچىنى بـىـمـارنـىـڭ تومۇرىغا تەگكۈزۈپ، تومۇرنىڭ سوقـۇش ئەھۋالـىـنـى پـەرقـلـەنـدۈرىـدۇ، تومۇرنىڭ سوقۇشىدىكى ئۆزگىرىش كېسەللـىـكـنـىـڭ پـەيـدا بولۇشـى ۋە تەرەققىياتىنى ھەمدە ئوخشىمىغان كېسەللىك ئۆزگىـرىـشـىـنـى ئەكـس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بىمارنىڭ تومۇر سوقۇش ئەھۋالىنى پـەرقلەنـدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى، كېسەللىكنىـڭ ئورنى ۋە ئېغىر - يېنىكلىكى قاتارلىقلارنى بىلگىلى بولىـدۇ. تـومـۇر تـۇتـۇش ئىنتايىن نازۇك تېخنىكا بولۇپ، تەكرار - تەكرار ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتـتـىـن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىقلا ئوبدان ئىگىلىگىلى بولـىـدۇ. بـېـسىپ تەكشۈرۈش دېگىنىمىز، دوختۇر قولى بىلەن بىمارنىڭ كۆكرىكى ۋە قـورسىقى يـاكـى مۈچىلىرىنى بېسىپ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بىلىش ئۇسـۇلىدۇر. مەسىلەن، بەدەننى يېنىك سىلاش ئارقىلىق تەر بار - يوقلۇقىنى، تـېرىنى بېـسىش ئارقىلىق يىرىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلگىلـى بولىدۇ. ئوخـشىمىغـان ئۇسۇل بىلەن كۆكرەك ۋە قورساقنى باسقاندا ئىچكى ئەزالاردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. جـۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرى كېسـەل كـۆرگەندە كـۆرۈش، ئاڭلاش، سـوراش، تـۇتـۇش قاتارلىق «تۆت خىل دىئاگنوز» نى بىرلەشتۈرۈپ، دىئالېكتـىـك ئۇسـۇلـدا داۋالايدۇ ھەمدە كېسەللىك توغرىسىدا بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك بولغان توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ.