لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلى
زامانىۋىي تېبابەت
بۇنىڭدا ئاغزى سىلىق ھەم تۈز كەلگەن كىچىك بامبۇك قاچا، فارفور قاچا ۋە ئەينەك قاچا تاللىنىپ كۆيۈۋاتقان ئىسپىرت پاختىسى ياكى قـەغەز پارچـىسىنى قاچا ئىچىگە سېلىپ بىرنەچچە قېتىم ئايلاندۇرۇپلا چىقىرىۋېلىنىدۇ (ياكى قاچا ئىچىدە قالدۇرۇلىدۇ) - دە، قـاچـا دەرھال ئاغرىغان قىسىمغا كۆمتۈرۈلىدۇ، بۇ چاغدا قاچىنىڭ تېرىنى چىڭ سۈمۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. مانا بۇ ئېلىمىزنىڭ ئەل ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توك لوڭقا، ماگنىتلىق لوڭقا قاتارلىق يېڭى لوڭـقـا قـوراللىرى ئىشلەپچىقىرىلدى.
لوڭقا قويۇش ئارقىلىق قـىسمەن دائىرىدىكى قىل قان تومۇرلارنـى كېڭەيتكىلى، قان تولدۇرغىلى، ماددا ئالمىشىشنى تېزلەتكىلى، بۇ ئارقىـلـىـق ئادەمنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مۇئەييـەن پەللىگە ئاساسەن لوڭقا قويغاندا، جىڭلو سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ داۋالاش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
لوڭقا قويۇش ئارقىلىق باش ئاغرىش، باش قېيىش، قورساق ئاغرىـش، رېماتىزم، بەل - غول ئاغرىش قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنـى داۋالىـغىلـى بولىدۇ. لېكىن، بەدىنى زىيادە ئورۇق، مۇسكۇللىرى ئېلاسـتىكـلىقىنـى يوقاتقان، تېرە كېسەللىكى بار، تېرىسى تارتىشىپ قالىدىغان بىمارلارغا ئىشلىتىشكـە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېرىنى زەخىملەندۈرۈپ قويماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.