UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋىي تەبابەتئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنى كۆچۈرۈش

ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنى كۆچۈرۈش

زامانىۋىي تېبابەت كېسەل تەگكەن، فۇنكسىيىسىنى يوقاتقان ھەمدە داۋالىغىلى بولمايدىغان ئىچـكـى ئەزالارنى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا سـاغلام ئەزانى ئالماشتۇرۇش، «ئەزا كۆچۈرۈش» دېيىلىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە كۆچۈرۈلگـەن ئەزا بۆرەك. بـۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى1954 - يىلى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن بـۇيـان، دۇنيا بويىچە نۇرغۇن بۆرەك كېسەللىكى بىمارلىرىغا بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتـسىيىسى ئىشلەندى. ھازىر بۇ تەدرىجىي ھالدا ئاستا خاراكتېرلىـك بۆرەك ياللۇغى، كۆپ خالتىلىق بۆرەك كېسەللىكى ياكى تاشقى زەخىملىنىش تۈپەيلىدىن ئىككـى بۆرىكىدىن ئايرىلغان بىمارلارنى داۋالاشتىكـى مـۇھىـم داۋالاش ئۇسـۇلىغا ئايلاندى. بۆرەك كۆچۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئەزا كـۆچـۈرۈش ئۈچـۈن يېڭى يول ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا باشقا ئەزالارنى كۆچۈرۈشكە تۈرتكـە بـولۇپ، يۈرەك كۆچۈرۈش، جىگەر كۆچۈرۈش ۋە يىلىك كۆچۈرۈش قاتارلـىـقلارمـۇ ئارقا - ئارقىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. ئۆپكە، ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە ئاشقازان ئاستـى بېزى ئارالچىسى، قالقانسىمان بەز ۋە ئىنـچىكە ئۈچەي قاتارلـىق ئەزالارنـى كۆچۈرۈشمۇ تەتقىق قىلىنماقتا ۋە سىناق قىلىنماقتا. يـېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇمكىنچىلىكى يـوق دەپ قـارالغان مېڭە كۆچۈرۈش جەھەتتىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىلگىرىلەشلەر بارلىققـا كەلمەكتە، پاركىنسون كېسەللىكى بىمارلىرىغا ھامىلىنىڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق نەچچە ئون بىمارنىڭ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولدى. باشقىلارنىڭ بەدىنىدىن كۆچۈرۈلگەن ئەزالار ئەزا قوبۇل قىلغۇچىنىڭ تېنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تەرىپىدىن «يېڭى كەلدىئاخۇن» دەپ قـارىلىپ چەتكـە قېقىش رېئاكسىيىسىنىڭ يۈز بېرىشى ئەزا كۆچۈرۈشتـە يولۇقىدىغان ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىك بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئېغىر مەسىلىلەر كېلىپ چىقىپ ئوپېراتسىيە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىماقتا، ھەتتا بىـمار ھاياتىدىن ئايرىلماقتا. ئالىملارنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا بۇ جەھەتتە ناھايىـتى زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى، بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچـە، يـېقىن كەلگۈسىدە ئىنسانلار گېن قۇرۇلۇشى ئوپېراتسىيىسى ۋە ھۈجەيـرە كۆچۈرۈش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى ھازىرقى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىكەن. ھازىرقى ئەزا كـۆچۈرۈش پەقەت ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئارىـسىـدىكى ئەزا كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ تـېـنـىـدىكى ئەزا يـەنـە بـىـر ئادەمنىڭ تېنىگە كۆچۈرۈلىدۇ. دوختۇرلار بۇ خىل كۆچۈرۈشنى ئوخـشـاش تۈردىكى يات تەنگە كۆچۈرۈش دەپ ئاتايدۇ. ئەگەر مەلۇم تۈردىكى ھايـۋانـنـىـڭ ئەزاسى يەنە بىر تۈردىكى ھايۋاننىڭ تېنىگە كۆچۈرۈلسە يات تۈرلەر ئارا كۆچۈرۈش بولۇپ، بۇ تېخى تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرماقتا.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋىي تەبابەت