رېنتگېندە كۆزىتىش، رەسىمگە ئېلىش ۋە سايىلەندۈرۈپ شەكىل چۈشۈرۈش
زامانىۋىي تېبابەت
گېرمانىيىلىك ئالىم رېنتگېن1895 - يىلى بايقىغان X نۇرى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنتايىن قىسقا، ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىر خىل نۇر بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، ئادەم بەدىنىنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. بىراق، توقۇلمىلار زىچ ۋە قېلىنراق قىسىملاردىن ئۆتىدىغان نۇر ئازراق، توقۇلمىلار شالاڭ ۋە نېپىزراق ئورۇنلاردىن ئۆتىدىغان نۇر كۆپرەك بولىدۇ. چۈنكى، X نۇرى بارىي سىئانىد قاتارلىق خىمىيىلىك بىرىكمىلەرگە چۈشكەندە كۆرگىلى بولىدىغان يالتىراق نۇر چىقىرىدىغان بولغاچقا، X نۇرى كۈچەيگەنسېرى يالتىراق نۇرمۇ كۈچىيىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر X نۇرى ئادەم بەدىنىنىدىن تېشىپ ئۆتكەندە پەيدا بولغان يالتىراق نۇرنى ئېكران ياكى تېلېۋىزورغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق سۈرەتنىڭ ئوچۇق - تۇتۇقلۇقىغا ئاساسەن، كېسەلگە دىئاگنوز قويىدۇ. مانا بۇ X نـۇرى چۈشۈرۈش بولۇپ، مېدىتسىنادا رېنتگېندە كۆزىتىش دېيىلىدۇ. رېنتگېندە كۆزىتىش كۆپىنچە ئۆپكە قىسىم ۋە سۆڭەكلەردىكـى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ھەمدە قىزىلئۆڭگەچ، كانايدىكى غەيرىي مـاددىلارغـا دەسلەپكى قەدەمدە دىئاگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.
X نۇرى نېگاتىپنى نۇرلاندۇرىدىغان بولغاچقا زۆرۈر تېپىلغاندا بۇ ئارقىلىق رەسىمگە تارتىشقا بولىدۇ، مانا بۇ بىز دەۋاتقان «رەسىمگە ئېلىش» دۇر. بۇ خىل ئۇسۇل كۆپىنچە يۈرەكنىڭ ئورنى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى، ئۆپكە قىسمىدا سىزىقچىلارنىڭ توملاشقان - توملاشمىغانلىقى، ياللۇغ، تـۈگۈنـچە، ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ بـار - يوقلۇقى ھەمدە سۆڭەك سـۇنۇش ۋە سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى بېكىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى بەزى ئەزالار ۋە توقۇلمىلار بىلەن قوشنا توقۇلمىلار ئارىسىدىكى زىچلىق ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ، بۇ چاغدا زىچلىقنى ئۆزگەرتىدىغان ماددا − سايىلەندۈرۈپ شەكىل چۈشۈرۈش دورىسى ئىچكۈزۈپ كۆزىتىلىدىغان قىسىم بىلەن ئەتراپتىكى توقۇلمىلاردا ئوخشاش بولمىغـان روشەن زىچلىق شەكىللەندۈرۈلىدۇ، مانا بۇ «سايىلەندۈرۈپ شەكىل چۈشۈرۈش» دېيىلىدۇ. سايىلەندۈرۈپ شەكىل چۈشۈرۈش دورىسىنىڭ زىچلىقى ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلما ۋە ئەزالارنىڭ زىچلىقىدىن خېلى چوڭ ياكى خېلى كىچىك ماددا بولسىمۇ، لېكىن ئادەم بەدىنىگـە زىيىنى يوق. بۇنىڭدا بارىي سۇلفىد كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي يولىنى تەكشۈرۈشتە بىمار ئۇنى ئىچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دورا ئاشقازان ۋە ئۈچەي دىۋارىغا چاپلىشىدۇ. ئۇنىڭ زىچلىقى چوڭ بولغاچقا، ئاشقازان ۋە ئۈچەي دائىرىسىنى ئىنتايىن ئېنىق «سىزىپ» چىقالايدۇ. سايىلەندۈرۈپ شەكىل چۈشۈرۈش تېخنىكىسى يەنە ئۆت، بۆرەك، قان تومۇر قاتارلىق ئەزالارنى تەكشۈرۈشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
رېنتگېندە كۆزىتىش، رەسىمگە ئېلىش ۋە سايىلەندۈرۈپ شەكىل چۈشۈرۈش ئۇسۇلى بىرقەدەر ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر ئادەمگە ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، X نۇرى ئادەم بەدىنىگە، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالىلارغا زىيانلىق.