سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈش − قۇتقۇزۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە
زامانىۋىي تېبابەت
سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈش دېگىنىمىز، كۆپ مىقداردىكى دورا سۇيۇقلۇقى ياكى ئوزۇقلۇق خاراكتېردىكى سۇيۇقلۇقلارنى ۋېنا ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە ئاستا - ئاستا كىرگۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق سۇ ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، ئېلېكترولىت ماددىلار بىلەن كىسلاتا - ئىشقارلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ھەمدە دورا بېرىش ئارقىلىق توكسىن قاتارلىقلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەشتەك داۋالاش مەقسىتىگە يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۇسىزلانغان، بەك قىزىپ كەتكەن، شوك بولۇپ قالغان، جىددىي خاراكتېرلىك قانىغان بىمارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشتىكى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋاسىتە.
سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈشتە ئادەتتە ئالىقان دۈمبىسى، جەينەك ئەگمىـسى، تاپان يۈزى، ئوشۇق قاتارلىق جايلاردىكى ئېنىقراق كۆرۈنىدىغان ۋېنالار تاللىنىدۇ.
سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈشتە سۇيۇقلۇق قاچىلانغان قۇتا ئاغزى بوشاپ قالغان ياكى دۇغ ۋە چۆكمە قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلسە ئىشلىتىشكـە بولمايدۇ. ئوكۇل يىڭنىسىنىڭ ۋېنانى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشى ياكى ۋېنادىن چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قالايمىقان مىدىرلىماسلىق كېرەك. ئوكۇل سېلىنغان دائىرىدە ئىششىق كۆرۈلسە، ئاغرىـق ياكى تېرە ئاستى كۆكىرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دوختۇر ۋە سېسترالارغا دەرھال ئۇقتۇرۇش لازىم. سۇيۇقلۇقنىڭ چـۈشۈش سۈرئىتى جەھەتتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە رىئايە قىلىش، ئۇنى قالايمـىقان ئۆزگەرتمەسلىك لازىم. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ مىنۇتىغـا40 ~60 تـامـچـە، بالىلار، ياشانغانلار ھەمدە ئېغىر يۈرەك - ئۆپكە كېسەللىكى بارلارنىڭ تېخىمـۇ ئاستىراق بولىدۇ. دورا سۇيۇقلۇقى چۈشۈپ تۈگەشكە ئاز قالغانـدا دوختۇر ۋە سېسترالارغا يىڭنىنى ئېلىۋېتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش، ۋېناغا ھاۋا كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچـۈن سـۇيۇقـلـۇقنىڭ تولۇق تۈگىشىنى ساقلاپ تۇرماي يىڭنىنى بالدۇرراق تارتقۇزۇۋېتىش كېرەك. چۈنكى، قان تومۇرغـا ھاۋا كىرىپ كەتسە مېڭە، يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق ئەزالارنى ھاۋا توسۇۋالىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.
سۇيۇقلۇق كىرگۈزگەندە توساتـتىن بـەدەن مۇزلىسـا، قىزىـسـا، نەپەسلىنىش قىيىنلاشسا ياكى بىئارام بولسا دەرھال دوختـۇرغـا ئۇقـتـۇرۇش قىلىش، تاسادىپىي ھادىسە كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك.