دۇنياغا يۈزلەنگەن قۇرۇق يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش ئۇسۇلى
زامانىۋىي تېبابەت
قۇرۇق يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش جۇڭيى تېبابىتى ئىلمىدىكى ئۆزگىـچـە داۋالاش ئۇسۇلى. بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىدا ئىشلىتىلىدىغان قـوراللار ئاددىي، داۋالاش دائىرىسى كەڭ، ئۈنۈمى روشەن بولغاچقـا، ئۇنـى دۇنـيـا تـېـبـبـىـي ساھەسىدىكىلەر «خاسىيەتلىك يىڭنە» دەپ ئاتىغان ھەمدە پۈتۈن دۇنيـادا ئومۇملىشىشقا باشلىغان.
قۇرۇق يىڭنە سانجىش بىلەن داغلاش ئىككى خىـل داۋالاش ئۇسـۇلىدۇر. قۇرۇق يىڭنە سانجىشتا تۈرلۈك يىڭـنـىـلـەر ئادەم بـەدىـنـىـدىـكـى جىڭلو پەللىلىرىگە سانجىلىدۇ؛ داغلاشتا ئەمەن قـاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر كۆيدۈرۈلۈپ بىمارنىڭ جىڭلو ياكى ئاغرىق قىسمى داغلىنىدۇ. قۇرۇق يىڭنە سانجىش بىلەن داغلاش ئىككى خىل داۋالاش ئۇسۇلى بولسىمـۇ، لېكىن داۋالاشتا كۆپىنچە بىللە ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، قۇرۇق يىڭنە سانجىش - داغلاش دېيىلىدۇ.
قۇرۇق يىڭنە سانجىشتا ئىشلىتىلىدىغان يىڭنىنىڭ ئىنچىكە يىڭـنـە، ئۈچ قىرلىق يىڭنە ۋە تېرە يىڭنىسى قاتارلىق بىرقانچە خىللىرى بـار. ئادەتـتىـكى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆپىنچە ئىنچىكە يىڭنە ئىشلىتىلىدۇ. دوختۇر يىڭنىنـى پەللىگە سانجىغاندا ئادەمدە شـۇرقـىراش، ئۇيـۇشـۇش، كـۆپـۈش قـاتـارلىـق سېزىملار بولىدۇ. دوختۇر تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىـمـاردا سېزىم پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن يىڭنىنى بۇرايدۇ، تەۋرىتىدۇ ياكى سانجىش چوڭقۇرلۇقىنى ئۆزگەرتىدۇ. يىڭنە سانجىلىش جەريانىدا بىماردا يۈرەك سىقىلىش ۋە باش قېيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە تەرلەش ۋە مۈچىلىرى سوۋۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ، بىمارغـا قۇرۇق يىڭنە رېئاكـسىيـە قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. قۇرۇق يىڭنىنىڭ رېئاكـسـىـيـە قىلىشى كۆپىنچە بىمارنىڭ جىددىيلىشىشى ياكى بەدەننىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن بولىدىغان بولغاچقا، دەرھال مۇناسىپ تەدبـىر قوللىنىپ يىڭـنـىنـى چىقىرىۋېتىش كېرەك.
داغلاشنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كۆپىنچە ئەمەن ئارقىلىق داغلىنىدۇ. ئەمەن ئارقىلىق داغلاشتا ئەمەن ماتېرىيال قىلىنـىـپ، ئەمەندىن يۆگۈمەچ تەييارلىنىدۇ. ئەمەن كۆيگەندە ئىسسىقلىقى يېقىشلىق بولۇپ، تومۇرلارنى ئېچىش ۋە سوغۇقنى ھەيدەش رولى بار. داۋالاشـتـا ئەمەن يۆگىمىچىگە ئوت تۇتاشتۇرۇلۇپ، بىـمارنىڭ پـەللىـسىگە قويۇپ داغلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىمار پەللىدىكى توقۇلما ئىچىدە بىر خىل ئىسسـىـق سېزىم بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.