UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋىي تەبابەتقان بېرىش

قان بېرىش

زامانىۋىي تېبابەت قان ياكى قاننىڭ مەلۇم تـەركىبلىرىنى ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزۈش قان بېرىش دېيىلىدۇ. قان ئادەتتە ۋېنادىن كىرگۈزۈلىدۇ، لېكىن ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئارتېرىيىدىن بېرىشكىمۇ بولىدۇ. قاناش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، زەخىملىنىش ياكى ئوپېراتسىيە تۈپەيلىدىن ئادەم بەدىنىدىن كۆپرەك قـان چىقىپ كەتكەندە قـان بېرىـش، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتىكى مۇھىم ھەم جىددىي تەدبىر بولۇپ قالدى (ئەگەر قاننىڭ چىقىش مىقدارى ئادەم بەدىنىدىكى ئومۇمىي قان مىقدارىنىڭ3 /1 قىسمىغا يەتكەندە ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ). قان ئازلىق، ئاق قان كېسەللىكى، باشقا قان كېسەللىكلىرى ھەمدە ئېغىر يۇقۇملانغان، ئېغىـر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بىمارلارغا نىـسبەتەن قان بېرىش زۆرۈر داۋالاش تەدبىرى بولۇپ، بۇ قان مىقدارى ۋە قان تەركىـبىـنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە بەدەنـنىڭ قـارشىلىق كۈچى ۋە قـاننىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە قـان ئۇيۇشۇپ قېلىش فۇنكسىيىسىنى ياخشىلايدۇ. دوختۇر قان بېرىشتىن ئىلگىرى قان ماسلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، مۇۋاپىق كېلىدىغان قان تىپىدىكى قاننـى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. قان بېرىشتە قان بېرىشتىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلارغا رىئايە قىلغاندىن باشقا، يـەنـە بىماردا يەلتاشما، قىزىتما، تىترەك، باش ئاغرىش، دېمى سىقىلىش، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش، شوك قاتارلىق قان بېرىشكە دائىر رېئاكسىيىلەرنىڭ بار - يوقلۇقىـنـى كۆزىتىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلـىـرى بايقالسا دەرھال دوختۇرغا ئۇقتۇرۇپ مۇناسىپ قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، خەتەردىن ساقلىنىش لازىم. قان بېرىش سـۈرئىـتـى كۆپلەپ قان چىقىپ كەتكەن بىمارلاردىن باشقىلىرىـغـا بـەك تېـز بولۇپ كەتمەسلىكى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش لازىم. بەزى بىمارلاردا قاندىكى مەلۇم خىل ياكى بىرنەچچە خىل تـەركـىـبلا كەمچىل بولىدىغان بولغاچقا، تەركىبلىك قان بېرىش تېخنىكىسى بـۇ مـەسىلىنى ھەل قىلدى. مەسىلەن، بىرەر بىمار قـىزىل قان ھۈجەيرىـسى ياكى قـان پلاستىنكىچىلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسا، يەنە بىر بىمار بۇلاردىن باشقـا مەلۇم خىل قان تەركىبىگە ئېھتىياجلىق بولسا پەۋقۇلئاددە تېخنىكا ئارقىلىق قاندىكى تەركىبلەر ئاجرىتىلىپ، ئوخشاش بىر قـاننـى ئىككى ئادەمگە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەمگە بېرىشكە بولىدۇ. ئۆزىدىن قان بېرىش ئۇسۇلى دېگەنلىك، ئوپېراتسىيـىـدىـن ئىلگىرى ئوپېراتسىيە قىلىنغۇچىنىڭ بـەدىنـىـدىـن مـەلـۇم مـىـقـداردا قـان ئېـلىـپ ئوپېراتسىيە داۋامىدا ئىشلىتىشكە تەييارلاپ قويۇش ياكى ئوپېـراتـسىيە داۋامـىـدا ئېقىپ كەتكەن قاننى قايتا يىغىۋېلىپ ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلغاندىن كېـيىن بەدەنگە قايتا كىرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل قان مەنبەسىـنـىـڭ يېتىشمەسلىكىنى ھەل قىلغاندىن باشقا، يەنە قان بېرىشتىكى بىنورمال رېئاكـسىـيىنى ئازايتىدۇ. يېتەرلىك قان مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلـىـش ئۈچـۈن ئالـىملار گەرچە كـۆپ خىل ئورۇنباسار قان پلازمىسىنى ئىشلەپچىقارغان، ھەتتا ھەرقانـداق قـان تىپىدىكى ئادەمگە بېرىشكە بولىدىغان ئۈچىنچى ئەۋلاد سۈنئىي قـىزىل قـان ھۈجەيرىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ چىققـان بـولـسىمۇ، لېكىن بۇ داۋالاش ئېـھتىياجىنى قـاندۇرۇشـتىن خېلىلا يىراق. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەم بـېرىش روھىنـى جارى قىلدۇرۇپ، خالىس قان تەقدىم قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋىي تەبابەت