UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋى قاتناش يوللىرىلىفت

لىفت

زامانىۋى قاتناش يوللىرى ئېگىز بىنالاردىكى كىشىلەر لىفت بىلەن چىقىپ چۈشىدۇ، بۇ خۇددى شەھەر ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئادەم توشۇغىنىغا ئوخشاپ قالىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر لىفتنى بىنا ئىچىدىكى قاتناش ماشىنىسى دەپ ئاتىشىدۇ. ئەڭ قەدىمكى «لىفت» بىر خىل «ئۇچار ئورۇندۇق» دەپ ئاتىلىدىغان چىقىش - چۈشۈش قۇرۇلمىسىدن ئىبارەت.17 - ئەسىردە فرانسىيىدە كىشىلەر ئۇچار ئورۇندۇققا بىر تال تانىنى باغلاپ، تانىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى ئۆگزىدىكى غالتەككە يۆگەپ، بىر تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچقا باغلىغان. مېھمان ئورۇندۇققا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئورۇندۇقتىكى قۇم خالتىسىنى تاشلىۋەتسىلا، تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچنىڭ تۆۋەن چۈشۈشى بىلەن، ئۇچار ئورۇندۇق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، مېھماننى بىنادىكى دېرىزىگە ئېلىپ چىقىدۇ، ئۇ كىشى دېرىزىدىن ئۆيگە كىرىۋالىدۇ. پار ماشىنىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، پار بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان لىفت بىنالاردا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى بارلىققا كېلىپ ئومۇملاشقاندىن كېيىن، لىفت توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بولدى. ھازىرقى كۈندە تىك چىقىپ - چۈشىدىغان لىفتلەردىن باشقا، يانتۇ چىقىپ - چۈشىدىغانلىرىمۇ بارلىققا كەلدى، بۇلار ئاپتوماتىك پەلەمپەي دەپ ئاتىلىدۇ. لىفت لىفت قۇدۇقى ئىچىدە چىقىپ چۈشىدۇ. بىنالاردا نۇرغۇن قۇرۇلۇش كۆلىمىنى لىفت قۇدۇقى ئىگىلەيدۇ. بىنا ئۆيلەرنىڭ ئىشلىتىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئېگىز بىنالارنىڭ لىفتلىرى ئادەتتە تېز سۈرئەتلىك ۋە ئاستا سۈرئەتلىك دەپ ئايرىلىدۇ. ئاستا سۈرئەتلىكلىرى پەس قەۋەت بۆلىكىدە ئىشلىتىلىدۇ، تېز سۈرئەتلىكلىرى ئېگىز قەۋەت بۆلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ ئېگىزگە ئۇدۇل چىقىپ كېتىدۇ، تۆۋەن قەۋەت بۆلىكىدە توختىمايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئىشىك ئاز ئېچىلىدۇ، لىفتنىڭ چىقىش - چۈشۈش ۋاقتى قىسقىرايدۇ. ئېگىز بىنالاردا لىفتنى يېرىم بوشلۇقتىن، مەسىلەن،10 - قەۋەت ياكى20 - قەۋەتتىن باشلىنىدىغان قىلىشقىمۇ بولىدۇ، بۇ خۇددى ئاپتوبۇس يوللىرىدىكى قىسمەن يوللۇق ئاپتوبۇسلارغا ئوخشايدۇ. لىفتنىڭ ئىككى قەۋەتلىك ئاپتوبۇسلاردەك قوش قەۋەتلىكلىرىمۇ بولىدۇ، قوش قەۋەتلىك لىفت تاق قەۋەتلىك ۋە جۈپ قەۋەتلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. تاق قەۋەتلىكلىرى بىنانىڭ تاق قەۋەتلىرىدىلا توختايدۇ، جۈپ قەۋەتلىكلىرى بىنانىڭ جۈپ قەۋەتلىرىدە توختايدۇ. ھازىرقى لىفتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى مىنۇتىغا600 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ100 مېتىرغا يۈگۈرىدىغان مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىنىڭ تېزلىكىگە تەڭ كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋى قاتناش يوللىرى
لىفت | UyghurWiki | UyghurWiki