UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋى قاتناش يوللىرىتونىل

تونىل

زامانىۋى قاتناش يوللىرى زامانىۋى تاشيول ۋە تۆمۈريوللار ھاۋاغا چىقىپ، يەر تېگىگە كىرىپ قالماي، سۇ تېگىدىنمۇ ئۆتەلەيدۇ، شاڭخەيدىكى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ تېگىگە دەريادىن ئۆتىدىغان ئىككى تونىل ياسالغان. بۇرۇن كېمە بىلەن ئۆتۈشكە1 سائەت كېتەتتى، ھازىر ئاپتوموبىل بىلەن بىرنەچچە مىنۇتتىلا قارشى قىرغاققا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. سۇ ئاستى تونىلى تاشيول ۋە تۆمۈريول دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. تاشيولدا ئادەتتە تۆت ماشىنا يولى، كۆپلىرىدە6 ~8 ماشىنا يولى بولىدۇ؛ تۆمۈريول كۆپىنچە قوش لىنىيىلىك بولىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا ماشىنىلار تونىلدىن ئۆتكەندە ناسوسنىڭ پورشېنىغا ئوخشاش رول ئويناپ، ماشىنىلار چىقارغان كېرەكسىز گاز ماشىنىلار بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىپ، تونىلدىكى كېرەكسىز گاز زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ. سۇ ئاستى تونىل قۇرۇلۇشىدا ئادەتتە «تۇرۇبا چۆكتۈرۈش ئۇسۇلى» قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا دەريا قىنىدىن ئوقۇر ئويۇلىدۇ، ئاندىن ئالدىن تەييارلانغان يوغان تۇرۇبا بۇ ئوقۇرغا چۆكتۈرۈلىدۇ. تۇرۇبا ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە100 مېتىرچە بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل دەريالاردا مەشغۇلات قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. تۇرۇبا ئۇزۇن، ئۇلاشقا تېگىشلىك يېرى ئاز بولغاچقا، سۇ ئاستى مەشغۇلات مىقدارى ۋە تۇرۇبىغا سۇ كىرىش ھادىسىسى ئاز بولىدۇ. يەنە سېلىنما ئاز، قۇرۇلۇش سۈپىتى ياخشى، سۈرئىتى تېز بولۇش ئەۋزەللىكلىرى بار. دېڭىز ئاستى تونىلىنى قېزىشتا «قالقانسىمان قېزىش ئۇسۇلى» قوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭدا غايەت كۈچلۈك تونىل قېزىش ماشىنىسى ئىشلىتىلىدۇ، ماشىنا چاشقان تۆشۈك تەشكەندەك تېشىپ كىرىدۇ، تېشىش سۈرئىتى سائىتىگە2 ~3 مېتىرغا يېتىدۇ. ئادەتتە ئۈچ تونىل قېزىلىدۇ. بىرىنچىسى يول باشلاش تونىلى بولۇپ، تۇپراق ئەھۋالى ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ يامراش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ يەنە بىرى مەشغۇلات تونىلى بولۇپ، ماتېرىيال توشۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئاخىرقىسى غول تونىلدىن ئىبارەت. يول باشلاش تونىلى بىلەن مەشغۇلات تونىلىنىڭ ئىچكى دىئامىتېرى غول تونىلنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدۇ. ئەڭ بۇرۇنقى سۇ ئاستى تونىلى1825 ~1843 - يىللىرى قۇرۇلغان ئەنگلىيىنىڭ تايمىس دەرياسىنىڭ ئاستىدىكى تونىلدۇر. ھازىر دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ئاستى تونىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوۋېر بوغۇزىنىڭ ئاستىدىن ئۆتىدىغان تۆمۈريول تونىلىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ دېڭىز ئاستى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى38 كىلومېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى50 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. سۇ ئاستى تونىلىدىن ماشىنا قاتنىغاندىن سىرت، «ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش» قىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، تونىل ئىچىگە ئوپتىك تالالىق ئالاقە ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار ئوپتىك كابېل، يۇقىرى بېسىملىق توك يوللاش لىنىيىسى، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋە ھەربىي ئەسلىھە، توشۇش سىستېمىلىرىنى ئورناتقىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋى قاتناش يوللىرى
تونىل | UyghurWiki | UyghurWiki