UyghurWiki
UyghurWikiزامانىۋى قاتناش يوللىرىكۆتۈرمە يول

كۆتۈرمە يول

زامانىۋى قاتناش يوللىرى زامانىۋىلاشقان شەھەر قاتنىشى «يەر ئاستىغا ۋە ئاسمانغا» قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. «يەر ئاستى» غا كىرىدىغىنى مېترو (يەر ئاستى تۆمۈريولى) ۋە دەريا - دېڭىزلاردىن ئۆتىدىغان تونىلدۇر، «ئاسمان» غا چىقىدىغىنى كۆتۈرمە يولدۇر. كۆتۈرمە يول بىرمۇنچە تۈۋرۈكلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان يول بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «بوشلۇقتىكى يول» دەپ ئاتىشىدۇ. ئەڭ ئاددىي كۆتۈرمە يول پىيادىلەر ماڭىدىغان تىكلىمە كۆۋرۈكتۇر. ئۇ شەھەرنىڭ ئاۋات يەرلىرىدىكى كوچا ئېغىزىغا قۇرۇلۇپ، پىيادىلەرگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇلىدۇ، ماشىنىلارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. پىيادىلەر ۋە ماشىنىلار قىستا - قىستاڭ بولىدىغان، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى پىيادىلەر يولى بەك تار بولغان سودا مەركەزلىرىدە بوشلۇقنى تېجەش ئۈچۈن، بىناكارلار تىكلىمە كۆۋرۈكنى يېنىدىكى سودا سارايلىرىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە تۇتاشتۇرۇپ، تىكلىمە كۆۋرۈكتىن سودا سارىيىنىڭ پەلەمپىيى سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان قىلىدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ داشىزى، داشىمىن تۆت كوچا ئېغىزلىرىدا مۇشۇنداق «كۆتۈرمە يول» بار. كۆتۈرمە يولنى بىرنەچچە كىلومېتىر ئۇزارتىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «بوشلۇقتىكى يول» قىلىشقا بولىدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ تاشقى ئايلانما يولىدا نەچچە ئون كىلومېتىرغا يېتىدىغان كۆتۈرمە يول بولۇپ، مەخسۇس ماشىنا قاتنايدۇ. گۇاڭجۇدىكى خەلق يولىدىن623 - يولىغىچە بولغان مەخسۇس ماشىنا قاتنايدىغان كۆتۈرمە يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن7 كىلومېتىر، يەردىن تەخمىنەن7 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، كەڭلىكى11 مېتىر كېلىدۇ، قارىمۇقارشى ماڭىدىغان ئىككى ماشىنا يولىدىن سىرت، بىر زاپاس يول بار. بۇ لىنىيىنىڭ13 يېرىدە ماشىنىلار چىقىپ - چۈشىدىغان ئېغىز بولۇپ، ئاساسىي كېسىشىش ئېغىزلىرى بىلەن تۇتاشقان، يولدا قىزىل، يېشىل چىراغلار بار. كۆتۈرمە يولدا پىيادىلەرنىڭ مېڭىشى چەكلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، كېسىشىش ئېغىزى ئاز بولۇپ، ماشىنىلار بىرقەدەر يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرەلەيدۇ، شۇڭا پۈتۈن لىنىيىدە ماشىنىلارنىڭ ئۆتۈش ئىقتىدارى ئادەتتىكى يوللاردىن خېلىلا يۇقىرى. مېتروغا قارىغاندا كۆتۈرمە يولنى قۇرۇش ئوڭاي، پۈتۈش باھاسى ۋە ئاسراش خىراجىتى تۆۋەن. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ۋوگزالنىڭ پېررونىغا ئوخشاپراق قالىدۇ. يولنىڭ ئىككى تەرىپى كەڭ بوشلۇق بولۇپ، ھەم كۆركەم، ھەم يورۇق ۋە شامال ئۆتۈشۈشكە قۇلاي، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە مەخسۇس گۈل ئوقۇرى لايىھىلەنگەن بولۇپ، گۈل - گىياھلار تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن، ماشىنا كۆتۈرمە يولدا گويا باغچە ئىچىدە ماڭغاندەك ماڭىدۇ، شوپۇرمۇ زېھنى ئۇرغۇپ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە مۇداپىئە رېشاتكىسى بولغانلىقتىن، ماشىنىلارنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىنى توسۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار زامانىۋى قاتناش يوللىرى
كۆتۈرمە يول | UyghurWiki | UyghurWiki