ئاسما ۋە يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈك
زامانىۋى قاتناش يوللىرى
ئاسما كۆۋرۈك كۆۋرۈكنىڭ ئىككى بېشىغا مۇنار قوپۇرۇلۇپ، كۆۋرۈك گەۋدىسى خۇددى دادۇخې دەرياسىدىكى زەنجىر كۆۋرۈككە ئوخشاش ئىككى تال سىم ئارقانغا ئېسىپ ياسىلىدىغان كۆۋرۈكتۇر. ئارقانلار تەمبۈر تارىدىن سەل تومراق نەچچە مىڭ تال پولات سىمدىن ئېشىپ ياسىلىدۇ، بىر ئۇچىنى مۇنار كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، يەنە بىر ئۇچى قىرغاقتىكى چىڭ يەرگە مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.
ئاسما كۆۋرۈكنى ناھايىتى ئۇزۇن ياسىغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدىكى گولدېن گات كۆۋرۈكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1280 مېتىر كېلىدۇ. كۆۋرۈك ئۈستىدىكى ئادەم ۋە ماشىنىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاساسەن ئىككى پولات ئارقان كۆتۈرىدۇ. ئاسما كۆۋرۈكنىڭ پۇختا بولۇشى ئۈچۈن، قۇرۇلۇش جەھەتتە بەزى ئالاھىدە قۇرۇلمىلار قوللىنىلىدۇ، ئاندىن كۆۋرۈك ھەرىكەتچان بىلەك ئارقىلىق ئارقانغا ئېسىلىدۇ.2
- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيە ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان نۇرغۇن كۆۋرۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىرقەدەر ئاددىي ۋە تېجەشلىك كۆۋرۈك شەكلىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئاسما كۆۋرۈك ئاساسىدا يېڭى شەكىلدىكى يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكنى راۋاجلاندۇردى.
يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈك يانتۇ تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاساسەن كۆۋرۈك گەۋدىسى، پولات ئارقان ۋە كۆۋرۈك گۇندىسى ئۈستىدىكى مۇنار تىرىكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. كۆۋرۈك گەۋدىسىنى كۆۋرۈك گۇندىسى كۆتۈرۈپ تۇرغاندىن باشقا، يەنە پولات ئارقان تارتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كۆۋرۈكتە ماشىنا ماڭغاندا، ئۇنىڭ كۆۋرۈككە چۈشۈرىدىغان بېسىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. پولات ئارقاننىڭ مۆلچەردىكى تارتىش كۈچىنى تەڭشەش ئارقىلىق، كۆۋرۈككە چۈشىدىغان بېسىمنى تارقاقلاشتۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكىنى تۆۋەنلەتكىلى، كۆۋرۈكنىڭ ئۆز ئېغىرلىقىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ.
يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكنىڭ يۇقىرىغا تارتىلغان قىيپاش ئارقانلىرى نۇر چېچىلىش (رادىئاتسىيە) شەكىللىك، يەلپۈگۈچ شەكىللىك، چىلتار (خارپ) شەكىللىك، يۇلتۇز شەكىللىك قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردە بولىدۇ.
تۇنجى يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈك گېرمانىيىلىكلەر لايىھىلىگەن شۋېتسىيە ستروم دېڭىز بوغۇزى كۆۋرۈكىدۇر، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى26 .18 مېتىر. ئېلىمىز1993 - يىلى شاڭخەيدە ئالدىن كۈچىنىشچان قۇرۇلمىلىق ياڭفۇ كۆۋرۈكىنى سالدى، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى602 مېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئاسما كۆۋرۈك بىلەن يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكتە تىرەن سۇ ئاستىغا كۆۋرۈك گۇندىسى قوپۇرۇش قىيىنچىلىقى بولمايدۇ. ئاسما كۆۋرۈككە قارىغاندا، يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكنىڭ ھالقىش ئىقتىدارى چوڭ، شامال ۋە سىلكىنىشكە قارشى مۇقىملىقى ياخشى، قۇرۇلۇش ئېگىزلىكى تۆۋەن، ئىش ۋە ماتېرىيال تېجەشلىك، پۈتۈش تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى ھالقىش ئارىلىقى چوڭ كۆۋرۈكلەرنىڭ مۇھىم قۇرۇلما شەكلى ھېسابلىنىدۇ. يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكلەرنى ئاسما بىلەكلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن سالسا، قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۇڭا ئۇ دەريا ئېغىزى، چوڭقۇر جىلغا ۋە دېڭىز بوغۇزلىرىغا سالسا بولىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ.